تخطَّ إلى المحتوى
انتقل إلى المحتوى

بۇ ئارخىپ ھەقسىز، ئوقۇرمەنلەرنىڭ قوللىشى بىلەن ئىشلەيدۇ.

ئىئانە

سەفا ۋە مەرۋىنىڭ ئارىسىنى سەئى قىلىپ مېڭىش ھەجنىڭ بىر روكنىدۇر

ئۇيغۇرچە1 مىنۇتلۇق ئوقۇش

سەفا ۋە مەرۋىنىڭ ئارىسىنى سەئى قىلىپ مېڭىش ھەجنىڭ بىر روكنىدۇر. لىكىن قۇرئاننىڭ ئايىتىدىكى )ھېچ باك يوق( دېگەن سۆزدىن بەزى ساھابىلەر بۇ سەئى قىلىش زۆرۈر ئەمەس بولسا كېرەك دېگەن گۇمان پەيدا بولغان ئىدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ مۇنداق دېدى: ئەگەر مەنە ئاشۇنداق بولىدىغان بولسا،»ئۇ ئىككىسىنى تاۋاپ قىلمىسىمۇ ھېچ باك يوق، دەپ كېلەتتى دېدى ۋە ئۇ ئايەتنىڭ چۈشۈش سەۋەبىنى بايان قىلدى:ئەنسارىلار مۇسۇلمان بولۇشتىن بۇرۇن مۇشەللەل دېگەن يەردە ئىبادەت قىلىدىغان بۇتقا تەلبىيە ئېيتاتتى. ئۇ بۇتقا تەلبىيە ئېيتقان كىشى سەفا ۋە مەرۋىنى تاۋاپ قىلىشنى گۇناھ ھېسابلايتتى. (ئۇلار ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىن) بۇ توغرۇلۇق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «ئى اﷲ نىڭ پەيغەمبىرى! بىز ئىسلام دىنى كېلىشتىن بۇرۇن سەفا ۋە مەرۋىنى تاۋاپ قىلىشنى گۇناھ ھېسابلايتتۇق» دېگەندە. اﷲ تائالا بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى:"سەفا بىلەن مەرۋە ھەقىقەتەن اﷲ نىڭ (دىنىنىڭ) ئالامەتلىرىدۇر. ھەج قىلغان ياكى ئۆمرە قىلغان ئادەم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سەئيى قىلسا ھېچ باك يوق".

ئەسلىدە ئېلان قىلىنغان mercyprophet.org

داۋاملىق ئوقۇڭ

  1. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغاندا يۈز بەرگەن پەۋقۇلئاددە ۋەقەلەر ھەققىدىكى رىۋايەتلەرگە نەزەر

    ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى 1. پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسى ۋە ۋەھيدىن باشقا ئىشلاردا بىزگە ئوخشاشلا نورمال ئىنسان. 2…

  2. پەيغەمبىرىمىزنىڭ تۇنجى خۇتبىسى

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىرقچىلىققا قارشى ئەڭ گۈزەل سۆزلىرى بولغان مەشھۇر ۋىدا خۇتبىسىدىن خەۋىرى يوقلار بولمىسا كېرەك. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇنجى خۇتبىسىدە نېمىلەرنى ئېيتقانلىقىنى بىلىدىغانلار بارمۇ؟ بىر…

  3. ھەق پەيغەمبەرلىككە شاھىتلار

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە شاھىت بولىدىغان ئىلمىي ھەقىقەتلەر - جىمى ھەمدۇ سانالەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، قۇرئان كەرىمنى ئۆزىگە ئەخلاق قىلغان كىشىگە دۇرۇت ۋە سالاملار…

  4. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياشلارغا قانداق مۇئامىلە قىلاتتى؟ (2)

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك دوستلار! بۇ تىمىنىڭ بىرىنجى بۆلۈمىنى دىققىتىڭلارغا سۇنغان ۋە سىز ئىلىم سۆيەر قېرىنداشلىرىمنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. بۈگۈن سىلەرگە ئىككىنچى بۆلۈمىنى سۇنىمەن.1-ياشلارنى قەدىرلەش: قەدىرلەشنىڭ…

  5. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياشلارغا قانداق مۇئامىلە قىلاتتى؟ (1)

    رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىسلام تەلىماتلىرىنى توغرا چۈشىنىپ، ئەمەل قىلىدىغان ھەقىقىي مۆمىن بىر جامائەت يېتىشتۈرگەن ئىدى. بۇ جامائەتنىڭ كۆپ سانلىقىنى ياشلار تەشكىل قىلاتتى.

تۈرنى قوللاش ئۈچۈن بىزگە يېزىڭ