تخطَّ إلى المحتوى
انتقل إلى المحتوى

بۇ ئارخىپ ھەقسىز، ئوقۇرمەنلەرنىڭ قوللىشى بىلەن ئىشلەيدۇ.

ئىئانە

رەسۇلۇللاھنىڭ دۇئالىرى

47 بەتلەر

  1. بىرىنچى بۆلۈم: دۇئانىڭ خاسىيىتى

    دۇئانىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى - ئەرەب تىلىدىكى «دۇئا» سۆزى لۇغەت ئېتىبارى بىلەن چاقىرىش دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمما دۇئا سۆزىنىڭ شەرىئەت ئىستىلاھىدىكى مەنىسى، ئەڭ كەمتەرلىك بىلەن ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇپ، ئۇنىڭدىن…

  2. دۇئا ئىجابەت بولۇشىنىڭ شەرتلىرى

    ئىسلام دىنىدا بۇيرۇلغان ھەرقانداق بىر ئىبادەتنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن مەخسۇس شەرتلىرى بولغىنىدەك، دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشى ئۈچۈنمۇ مەخسۇس شەرتلەر باردۇر. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 1. دۇئانى ئاللاھ تائالاغا بولغان چىن ئىخلاس بىلەن…

  3. دۇئا ئىجابەت بولماسلىقنىڭ سەۋەبلىرى

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، ئىجابەت بولۇش شەرتلىرى تولۇق بولمىغان دۇئالار ئىجابەت بولمايدۇ. شۇنداقلا، ئىسلامنىڭ ئەمر – مەرۇپ، ۋەز – نەسىھەت (كىشىلەرنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسۇش) پەرزىنى تەرك قىلىشمۇ…

  4. دۇئانى تەرك ئېتىشنىڭ گۇناھى

    ئىسلام دىنىدا بۇيرۇلغان ھەرقانداق بىر ئىبادەتنى تەرك قىلىش گۇناھ بولغىنىدەك، دۇئانى تەرك ئېتىشمۇ گۇناھتۇر. چۈنكى دۇئا- ئىبادەتتۇر. مۇپەسسىرلەر ئاللاھ تائالانىڭ «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن.

  5. دۇئانىڭ ئەدەبلىرى

    دىنىمىزدا بەلگىلەنگەن ھەرقانداق بىر ئىبادەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئەدەبلىرى ۋە شەرتلىرى بولغىنىدەك، دۇئانىڭمۇ ئۆزىگە خاس ئەدەبلىرى باردۇر. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 1. دۇئانى فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ سانا…

  6. دۇئا ئىجابەت بولۇشقا ئەڭ يېقىن ئەۋزەل ۋاقىتلار

    ھەر قانداق ۋاقىتتا قىلىنغان دۇئالار ئاللاھ تائالاغا چوقۇم يېتىدۇ. ئاللاھ تائالا خالىغان كىشىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدۇ. دۇئا قىلىش مەنئى قىلىنغان بېرەرمۇ ۋاقىت يوقتۇر. بىراق دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشقا ئەڭ يېقىن ۋاقىتلار…

  7. دۇئا ئىجابەت بولۇشقا ئەڭ يېقىن ۋە ئۇلۇغ جايلار

    ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «مەشرىقمۇ، مەغرىبمۇ ئاللاھنىڭدۇر، قايسى تەرەپكە يۈزلەنسەڭلەرمۇ، ئۇ ئاللاھنىڭ تەرىپىدۇر»([1]). ناماز ۋە باشقا ئىبادەتلەرنى ئورۇنلاش ئۈچۈن مەخسۇس جاي ۋە ماكان شەرت قىلىنمىغاندەك،…

  8. ئىجابەت قىلىنغان دۇئالاردىن ئۆرنەكلەر

    ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئىجابەت بولغانلىقى ساماۋىي كىتابلار ۋە تارىخىي مەنبەلەردە قەيت قىلىنغان دۇئالار ئىنتايىن كۆپ. تۆۋەندە بىر قانچە مىسال بېرىمىز: 1. ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغان.

  9. دۇئا سەۋەبتىن بىھاجەت قىلالامدۇ؟

    تىلەكلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن دۇئا بىلەن سەۋەب ئىككىسى ھەل قىلغۇچ رولنى ئوينايدۇ. بۇ ئىككىسى بىر ـ بىرىدىن قەتئى ئايرىلالمايدۇ. شۇڭىمۇ ئىنسان ئاللاھقا دۇئا قىلىش بىلەن بىرگە، قولىدىن كەلگەنچە سەۋەبلەرنى قىلىشقا…

  10. دۇئا بىراۋنىڭ ۋاسىتىسىگە موھتاجمۇ؟

    دۇئا ھېچكىمنىڭ ۋەسىلىسىگە (ۋاسىتىسىگە) مۇھتاج ئەمەس. تىلەكلەر پەقەت ئاللاھنىڭ ئۆزىدىن بېۋاسىتە سورىلىدۇ.

  11. قۇرئان كەرىمنىڭ پەزىلىتى

    قۇرئان ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى __ قۇرئان كەرىم ــ ئاللاھ تائالانىڭ مۇبارەك سۆزى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شانلىق مۆجىزىسى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس دەستۇرى، ئۇنىڭ تەلىماتلىرى بويىچە ئەمەل قىلىش بىلەن ئىككى ئالەملىك…

  12. قۇرئان ئوقۇش قائىدىلىرى

    1. قۇرئاننى تاھارەت بىلەن ئوقۇش. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئۇ ئۇلۇغ قۇرئاندۇر. لەۋھۇلمەھپۇزدا ساقلانغاندۇر. ئۇنى پەقەت پاك بولغانلارلا تۇتىدۇ»([1]) دەيدۇ. 2.

  13. قۇرئان يادىلاشنىڭ پەزىلىتى

    قارىيلار ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئەڭ شەرەپلىك كىشىلىرىدىندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئارىسىدىن يېقىن كىشىلىرى بار، قارىيلار ئاللاھنىڭ يېقىنلىرى ۋە ئالاھىدە بەندىلىرىدۇر»([1]).

  14. سۈرىلەرنىڭ پەزىلىتى

    فاتىھە سۈرىسىنىڭ پەزىلىتى - ئەبۇسەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا: «مەن ساڭا مەسجىدتىن چىقىشتىن بۇرۇن قۇرئاندىكى ئەڭ ئۇلۇغ بىر سۈرىنى ئۆگىتىپ قويايمۇ؟» دەپ قولۇمنى تۇتتى. بىز…

  15. ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل ئىسىملىرى توغرىسىدا

    قۇرئان كەرىم بىزگە تەلىم بېرىپ: «ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار، ئۇنى شۇلار بىلەن چاقىرىڭلار»([1]) دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالانىڭ 99 ئىسىم شەرىپى باردۇر، ئۇلارنى چىن ئېتىقادى بىلەن…

  16. ئۈچىنچى بۆلۈم: زىكىرنىڭ خاسىيىتى

    زىكىر ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى - زىكىر ــ لۇغەت ئېتىبارى بىلەن بىر نەرسىنى ئەسكە ئېلىش، ياد ئېتىش ۋە خاتىرىلەش دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلىسە، شەرىئەت ئىستېمالىدا زىكىر ـ ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىش، ئۇنىڭ نېمەتلىرىنى ئەسكە ئېلىش…

  17. زىكىرنىڭ پەزىلىتى

    ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنى كۆپ ياد قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ئەتىگەن _ ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىڭلار»([1]).

  18. زىكىرنى تەرك ئېتىشنىڭ گۇناھى

    ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «مېنى تائەت - ئىبادەتلەر ۋە زىكىر- تەسبىھلەر بىلەن ياد ئېتىڭلار، (مېنى ياد ئەتسەڭلار) مەنمۇ سىلەرنى (ئەمەلىڭلارغا ساۋاب بېرىش ۋە گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىش بىلەن) ياد ئېتىمەن. ماڭا شۈكۈر…

  19. ئاللاھ تائالا غا تەسبىھ، تەكبىر ۋە ھەمدۇ سانا ئېيتىشنىڭ پەزىلىتى

    ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى ۋە كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدۇ سانا ئېيتقىن»([1]).

  20. تۆتىنچى بۆلۈم: ئىستىغفار ۋە تەۋبىنىڭ ئەھمىيىتى

    ئىستىغفار ــ ئاللاھ تائالادىن گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىشىنى سوراش دېگەنلىك. تەۋبە – سادىر قىلىنغان گۇناھلارغا پۇشايمان قىلىپ، قايتا گۇناھ قىلماسلىققا بەل باغلاپ، توغرىلىققا قايتىش دېمەكتۇر. قۇرئان كەرىم بىزگە تەلىم بېرىپ…

  21. تەۋبىنىڭ قوبۇل بولۇشىنىڭ شەرتلىرى

    تەۋبىنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن بەزى شەرتلەر بار. ئىنسانلار تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان گۇناھ ۋە قىلمىشلار يا ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىگە قارشى ئىشلەنگەن بولىدۇ، ياكى مەخلۇقاتلارنىڭ ھەققىگە قارشى ئىشلەنگەن بولىدۇ.

  22. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ئېيتىشنىڭ پەزىلىتى

    دۇرۇد ــ پارسچە سۆز بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسلام ئىستىلاھىدىكى مەنىسى: ئاللاھ تائالادىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شەنىنى ئۈستۈن، دەرىجىسىنى يۇقىرى ۋە نام ـ نىشانىسىنى مەڭگۈ قىلىشىنى تىلەش دېگەنلىكتۇر.

  23. بەشىنچى بۆلۈم: قۇرئاندىن تاللانغان دۇئالار

    ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. «جىمى ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر. قىيامەت كۈنىنىڭ ئېگىسىدۇر. رەببىمىز ساڭىلا ئىبادەت…

  24. مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئالىرى

    «پەرۋەردىگارىم! مېنىڭ قەلبىمنى كەڭ قىلغىن، (يەنى ئىمان بىلەن ۋە پەيغەمبەرلىك بىلەن نۇرلاندۇرغىن) تىلىمدىن كېكەچلىكنى كۆتۈرىۋەتكىن. ئۇلار مېنىڭ سۆزۈمنى چۈشەنسۇن»([1]). «پەرۋەردىگارىم! مەن ھەقىقەتەن ئۆزەمگە زۇلۇم قىلدىم.…

  25. ئومۇمىي مۆمىنلەرنىڭ دۇئالىرى

    «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن»([1]). پەرۋەردىگارىمىز! بۇنى بىكار ياراتمىدىڭ. سەن پاكتۇرسەن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن.…

  26. ئالتىنچى بۆلۈم: ھەدىسلەردىن تاللانغان دۇئالار

    ھەدىسلەردىن تاللانغان ئومۇمىي دۇئالار1.اَللّهمَّ إِنِّي ظَلَمْتُ نَفْسِي ظُلْماً كَثِيْراً، وَلاَ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ إِلاَّ أنْتَ، فَاغْفِرْ لِي مَغْفِرةً مِنْ عِنْدِكَ، وَارْحَمْنِي إِنَّكَ أَنْتَ الْغَفُورُ…

  27. ھەدىسلەردىن تاللانغان جايلار ۋە چاغلارغا خاس دۇئالار

    تۆۋەندىكى دۇئالار پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كۈندىلىك تۇرمۇشى جەريانىدا، ھەرخىل جايلار ۋە چاغلاردا ئوقۇشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلغان ۋە ساھابەلىرىگە شۇنداق تەلىم بەرگەنلىرى بولۇپ، ئەڭ ئىشەنچىلىك ھەدىس…

  28. نامازغا باشلىغاندىن كېيىن ئوقۇلىدىغان دۇئا

    1. سُبْحَانَكَ اَللَّهُمَّ وَبِحَمْدِكَ، وَتَبَارَكَ اسْمُكَ، وَتَعَالَى جَدُّكَ، وَلاَ إلٰهَ غَيْرُكَ.ئوقۇلىشى: آ«سۇبھانەكەللاھۇممە ۋە بىھەمدىكە، ۋە تەبارەكەسمۇكە ۋە تەئالا جەددۇكە ۋە لائىلاھە غەيرۇكەآ».تەرجىمىسى: آ«ئى…

  29. تەشەھھۇدتا ئوقۇلىدىغان دۇئالار

    1. اَلتَّحِيّاتُ لِلَّهِ وَالصَّلَوَاتُ والطيِّباتُ اَلسَّلاَمُ عَلَيْكَ أَيُّهَاالنَّبِيُّ وَرَحْمَةُ اللهِ وَبرَكَاتُهُ، اَلسَّلاَمُ عَلَيْنَا وَعَلَى عِبَادِ اللهِ الصَّالِحِيْنَ أَشْهَدُ أنْ لاَ إلٰهَ إلاَّ اللهُ…

  30. ئىستىخارە نامىزى

    ئستىخارە - ئاللاھ تائالادىن ياخشىلىق سوراش دېمەكتۇر.بىرەر ئىشنىڭ خەيرلىك بولۇپ- بولماسلىقى توغرۇلۇق ئاللاھ تائالادىن مەنىۋى بىشارەت ئېلىشنى خالىغان ئادەم ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ، ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىدۇ.جابىر…

تۈرنى قوللاش ئۈچۈن بىزگە يېزىڭ