تخطَّ إلى المحتوى
انتقل إلى المحتوى

بۇ ئارخىپ ھەقسىز، ئوقۇرمەنلەرنىڭ قوللىشى بىلەن ئىشلەيدۇ.

ئىئانە

زىكىرنىڭ پەزىلىتى

ئۇيغۇرچە2 مىنۇتلۇق ئوقۇش

زىكىرنىڭ پەزىلىتى

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنى كۆپ ياد قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ئەتىگەن _ ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىڭلار»([1]). قۇرئان كەرىم ئاللاھ تائالاغا زىكىر ئېيتىشنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: « ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغۇچى ئاياللارغا ئاللاھ مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋاب تەييارلىدى»([2]).

ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابەلىرىگە: «سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ياخشى سانىلىدىغان، مەرتىبەڭلەرنى ئەڭ يۇقىرى كۆتىرىدىغان، ئاللاھ يولىدا ئالتۇن ـ كۈمۈش سەرپ قىلغاندىنمۇ، دۈشمىنىڭلار بىلەن نەق مەيدان ئېلىشىپ جىھاد قىلغاندىنمۇ ياخشى سانىلىدىغان ئەمەلنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟» دېۋىدى، ساھابىلار ئۇ قايسى ئى رەسۇلۇللاھ؟ دەپ سوراشتى، بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «ئاللاھ تائالانى كۆپ ياد قىلىش»([3]) دەپ جاۋاب بەردى.

ھەقىقەتەنمۇ، مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئەڭ ياخشى ھالىتى ئۇنىڭ ئاللاھ تائالانى ياد قىلىش بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقان چاغلىرىدىكى ھالىتىدۇر. ئاللاھ تائالا بىلەن مەنىۋىي مۇلاقاتتا بولغان ۋە ئۇنىڭغا مۇناجات قىلغان ۋاقىتتىكى ھۇزۇر – ھالاۋەتنىڭ لەززىتىنى پەقەت تېتىغانلار بىلىدۇ.

زىكىرنىڭ ئەدەبلىرى

زىكىرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئەدەبلىرى ــ  ھەرقانداق بىر ئىبادەت ئۈچۈن زۆرۈر بولغان، ھەتتا ئۇنىڭ قوبۇل بولىشى ئۈچۈن شەرت قىلىنغان نىيەت، ئىخلاس، مۇھەببەت، كەمتەرلىك ۋە باشقىلاردۇر. زىكىرنىڭ باشقىمۇ ئەدەبلىرى بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

1. زىكىرنى ئاۋاز چىقارماستىن ئىچىدە ئېيتىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى سەپەر ئۈستىدە ئاۋازلىرىنى كۆتىرىپ زىكىر ئېيتىۋاتقان كىشىلەرگە خىتاب قىلىپ، «ئەي ئىنسانلار! ئۆزۈڭلارنى تۇتۇۋېلىڭلار، ئەلۋەتتە سىلەر قۇلىقى ئېغىر ياكى سىلەردىن يېراقتىكى بىرىنى چاقىرىۋاتمايسىلەر. سىلەر مۇناجات قىلىۋاتقان زات - سىلەرگە ئەڭ يېقىن ۋە ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچى زاتتۇر. ئۇ سىلەرگە سىلەر ئۈستىگە مېنىپ كېتىۋاتقان ئۇلاقلىرىڭلاردىنمۇ بەك يېقىندۇر»([4]) دېگەنىدى.

2. ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلغاندا ئوقۇلغان تەسبىھ، تەھلىل ۋە تەكبىرلەرنى ئىمكان قەدەر ساناپ ئوقۇش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە: «ئاللاھ تائالانى بارچە نۇقسانلاردىن ئەلۋەتتە پاك دەپ مەدھىيىلەڭلار، ئۇنى كۆپ ياد قىلىڭلار ۋە ئۇنى ئۇلۇغلاڭلار. سىلەر زىكىردىن غاپىل بولماڭلار. زىكىردىن غاپىل قالساڭلار مېھىر- شەپقەت قىلىشنى ئۇنتۇپ كېتىسىلەر. ئوقۇغانلىرىڭلارنى بارماقلىرىڭلار بىلەن ساناپ ئوقۇڭلار، بارماقلىرىڭلار قىيامەت كۈنىدە سىلەرگە گۇۋاھچى بولىدۇ»([5]) دەپ كۆرسەتكەن.

([1])      ئەھزاب سۈرىسى41-ئايەت.

([2])      ئەھزاب سۈرىسى 35 ـ ئايەت.

([3])      تىرمىزى رىۋايىتى.

([4])      ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.

([5])      ھاكىم، تىرمىزى ۋە ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى.

ئەسلىدە ئېلان قىلىنغان mercyprophet.org

داۋاملىق ئوقۇڭ

  1. سەفا ۋە مەرۋىنىڭ ئارىسىنى سەئى قىلىپ مېڭىش ھەجنىڭ بىر روكنىدۇر

    سەفا ۋە مەرۋىنىڭ ئارىسىنى سەئى قىلىپ مېڭىش ھەجنىڭ بىر روكنىدۇر. لىكىن قۇرئاننىڭ ئايىتىدىكى )ھېچ باك يوق( دېگەن سۆزدىن بەزى ساھابىلەر بۇ سەئى قىلىش زۆرۈر ئەمەس بولسا كېرەك دېگەن گۇمان پەيدا بولغان ئىدى.

  2. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغاندا يۈز بەرگەن پەۋقۇلئاددە ۋەقەلەر ھەققىدىكى رىۋايەتلەرگە نەزەر

    ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى 1. پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسى ۋە ۋەھيدىن باشقا ئىشلاردا بىزگە ئوخشاشلا نورمال ئىنسان. 2…

  3. پەيغەمبىرىمىزنىڭ تۇنجى خۇتبىسى

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىرقچىلىققا قارشى ئەڭ گۈزەل سۆزلىرى بولغان مەشھۇر ۋىدا خۇتبىسىدىن خەۋىرى يوقلار بولمىسا كېرەك. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇنجى خۇتبىسىدە نېمىلەرنى ئېيتقانلىقىنى بىلىدىغانلار بارمۇ؟ بىر…

  4. ھەق پەيغەمبەرلىككە شاھىتلار

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە شاھىت بولىدىغان ئىلمىي ھەقىقەتلەر - جىمى ھەمدۇ سانالەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، قۇرئان كەرىمنى ئۆزىگە ئەخلاق قىلغان كىشىگە دۇرۇت ۋە سالاملار…

  5. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياشلارغا قانداق مۇئامىلە قىلاتتى؟ (2)

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك دوستلار! بۇ تىمىنىڭ بىرىنجى بۆلۈمىنى دىققىتىڭلارغا سۇنغان ۋە سىز ئىلىم سۆيەر قېرىنداشلىرىمنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. بۈگۈن سىلەرگە ئىككىنچى بۆلۈمىنى سۇنىمەن.1-ياشلارنى قەدىرلەش: قەدىرلەشنىڭ…

تۈرنى قوللاش ئۈچۈن بىزگە يېزىڭ