
1. سُبْحَانَكَ اَللَّهُمَّ وَبِحَمْدِكَ، وَتَبَارَكَ اسْمُكَ، وَتَعَالَى جَدُّكَ، وَلاَ إلٰهَ غَيْرُكَ.ئوقۇلىشى: آ«سۇبھانەكەللاھۇممە ۋە بىھەمدىكە، ۋە تەبارەكەسمۇكە ۋە تەئالا جەددۇكە ۋە لائىلاھە غەيرۇكەآ».تەرجىمىسى: آ«ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىز سېنى جىمى نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمىز. پۈتۈن ھەمدۇ سانا ساڭا خاستۇر. نامىڭ ئۇلۇغ، شەنىڭ ئۈستۈندۇر ۋە سېنىڭدىن ئۆزگە ھەقىقىي ئىلاھ يوقتۇرآ»([1]).2. اَللَّهُمَّ بَاعِدْ بَيْنِي وَبَيْنَ خَطَايَايَ كَمَا بَاعَدْتَ بَيْنَ الْمَشْرِقِ وَالْمَغْرِبِ، اَللَّهُمَّ نََقِّنِي مِنَ الْخَطاَيَا كَمَا يُنَقَّى الثَّوْبُ اْلاَبْيَضُ مِنَ الدَّنَسِ، اَللَّهُمَّ اغْسِلْ خَطاَيَايَ بِالْمَاءِ وَالثَّلْجِ وَالْبَرَدِ.تەرجىمىسى: آ«ئى ئاللاھ! مېنى خاتالىقلاردىن خۇددى مەشرىق بىلەن مەغرىپنىڭ ئارىسىنى يېراق قىلغاندەك يېراق قىلغىن. ئى ئاللاھ! خۇددى ئاق كىيىم پاسكىنىلىقتىن تازىلىنىپ پارلىغاندەك مېنى خاتالىقلىرىمدىن پاكلىغىن. ئى ئاللاھ! مېنىڭ خاتالىقلىرىمنى سۇ بىلەن، قار بىلەن ۋە مۇز بىلەن تازىلاپ يوق قىلغىنآ»([2]).3. وَجَّهْتُ وَجْهِيَ لِلَّذِي فَطَرَ السَّمَاوَاتِ وَالأَرْضَ حَنِيْفاً وَمَا أَنَا مِنَ الْمُشْرِكِيْنَ. إِنَّ صَلاَتِي وَنُسُكِي وَمَحْيَايَ وَمَمَاتِي لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِيْنَ. لاَ شَرِيْكَ لَهُ وَبِذٰلِكَ أُمِرْتُ وَأَنَا مِنَ الْمُسْلِمِيْنَ. اَللَّهُمَّ أَنْتَ الْمَلِكُ لاَ إِلٰهَ إِلاَّ أَنْتَ. أَنْتَ رَبِّي وَأَنَا عَبْدُكَ. ظَلَمْتُ نَفْسِي وَاعْتَرَفْتُ بِذَنْبِي فَاغْفِرْ لِي ذُنُوبِي جَمِيْعاً. إِنَّهُ لاَ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ إِلاَّ أَنْتَ. وَاهْدِنِي ِلأَحْسَنِ اْلأَخْلاَقِ. لاَ يَهْدِي ِلأَحْسَنِهَا إِلاَّ أَنْتَ. وَاصْرِفْ عَنِّي سَيِّئَهَا. لاَ يَصْرِفُ عَنِّي سَيِّئَهَا إِلاَّ أَنْتَ. لَبَّيْكَ. وَسَعْدَيْكَ وَالْخَيْرُ كُلُّهُ فِي يَدَيْكَ. وَالشَّرُّ لَيْسَ إِلَيْكَ. أَنَا بِكَ وَإِلَيْكَ. تَبَارَكْتَ وَتَعَالَيْتَ. أَسْتَغْفِرُكَ وَأَتُوبُ إِلَيْكَ.تەرجىمىسى: آ«مەن توغرا دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا ئاسمانلار بىلەن زېمىننى ياراتقان ئاللاھقا يۈزلەندىم. مەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگۈچىلەردىن ئەمەسمەن. مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۈچۈندۇر. ئاللاھنىڭ شېرىكى يوقتۇر. مەن مۇشۇنداق ئېتىقاد قىلىشقا بۇيرۇلدۇم. مەن مۇسۇلمانلاردىنمەن. ئى ئاللاھ! سەن يەككە ـ يېگانە پادىشاھسەن، سېنىڭدىن ئۆزگە ھەقىقىي ئىلاھ يوق. سەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىم، مەن سېنىڭ بەندەڭمەن، مەن گۇناھلىرىم ئارقىلىق ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم ۋە گۇناھلىرىمغا تەۋبە قىلدىم، تەۋبەمنى قوبۇل قىلىپ جىمى گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن. چۈنكى گۇناھلارنى سەندىن باشقا مەغپىرەت قىلغۇچى يوق. ئى ئاللاھ! مېنى ئەڭ گۈزەل ئەخلاقلارغا ئىگە قىلغىن، گۈزەل ئەخلاقلارغا سەندىن باشقا ھېچكىم ئىگە قىلالمايدۇ، ناچارلىقلارنى مېنىڭدىن يىراق قىلغىن، ھەقىقەتەن سېنىڭدىن باشقا ھېچكىم مېنى ناچارلىقلاردىن يېراق قىلالمايدۇ. سېنىڭ ئەمرىڭگە خوش دەپ كەلدىم، سائادەت ۋە پۈتۈن ياخشىلىقلار سېنىڭ قولۇڭدىدۇر، يامانلىق ساڭا لايىق ئەمەس. مەن سېنىڭ مۈلكۈڭمەن ۋە سەن تەرەپكە قايتىمەن. سەن تولىمۇ مۇبارەك ۋە ئۇلۇغ ئىگەمسەن، گۇناھلىرىم ئۈچۈن ساڭا تەۋبە قىلىمەن ۋە سېنىڭدىن مەغپىرەت تىلەيمەنآ»([3]).رۇكۇدا قىلىنىدىغان دۇئالار1. سُبْحَانَ رَبِّيَ الْعَظِيْمُ. (ئۈچ قېتىم).ئوقۇلىشى: آ«سۇبھانە رەببىيەل ئەزىمآ».تەرجىمىسى: آ«ئەڭ ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىم ئاللاھنى بارچە نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەنآ»([4]).2. سُبْحَانَكَ اَللَّهُمَّ ربَّنَا وَبِحَمْدِكَ، اَللَّهُمَّ اغفِرْ لِي (بىر قېتىم ئوقۇلىدۇ).ئوقۇلىشى: آ«سۇبھانەكە ئاللاھۇممە رەببەنا ۋەبىھەمدىكە، ئاللاھۇممەغفىرلىآ»تەرجىمىسى: آ«ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىز سېنى جىمى نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمىز. پۈتۈن ھەمدۇ سانا ساڭا خاستۇر. ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىنآ»([5]).3. سُبُّوحٌ قُدُّوسٌ رَبُّ الْمَلاَئِكَةِ وَالرُّوحِ. (بىر قېتىم ئوقۇلىدۇ).ئوقۇلىشى: آ«سۇببۇھۇن قۇددۇسۇن رەببۇل مەلائىكەتى ۋەررۇھآ».تەرجىمىسى: آ«جىمى پەرىشتىلەرنىڭ، جىبرىلنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ بارچە نۇقسانلاردىن پاكتۇر، ئاللاھنىڭ شەنى ئۇلۇغدۇرآ»([6]).رۇكۇدىن تۇرغاندا ئوقۇلىدىغان دۇئا1. سَمِعَ اللهُ لِمَنْ حَمِدَهُ. (بىر قېتىم).ئوقۇلىشى: آ«سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدەھآ».تەرجىمىسى: آ«ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ھەمدۇ سانا ئېيتقاننى ئاڭلىغۇچىدۇرآ»([7]).2. ربَّنَا وَلَكَ الْحَمْدُ حَمْداً كَثِيْراً طيِّباً مُبَارَكاً فِيْهِ. (بىر قېتىم ئوقۇلىدۇ).ئوقۇلىشى: آ«رەببەنا ۋەلەكەلھەمدۇ ھەمدەن كەسىرەن تەييىبەن مۇبارەكەن فىيھآ».تەرجىمىسى: آ«پەرۋەردىگارىمىز! ساڭا كۆپلەپ ھەمدۇ سانا ئېيتىمەنآ»([8]).3. اَللَّهُمَّ رَبَّنَا لَكَ الْحَمْدُ مِلْءَ السَّمَاوَاتِ وَمِلْءَ الأَرْضِ وَمِلْءَ مَا بَيْنَهُمَا وَمِلْءَ مَا شِئْتَ مِنْ شَيْءٍ بَعْدُ.تەرجىمىسى: آ«پەرۋەردىگارىمىز! ساڭا ئاسمانلار، زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكىلەر تولغىچە ۋە سەن ياراتقان ھەمدە يارىتىدىغان جىمى مەۋجۇداتنىڭ سانىچە ھەمدۇ سانا ئېيتىمەنآ»([9]).سەجدىدە ئېيتىلىدىغان دۇئا1. سُبْحَانَ رَبِّيَ اْلأَعْلَىٰ. (ئۈچ قېتىم).ئوقۇلىشى: آ«سۇبھانە رەببىيەل ئەئلاآ».تەرجىمىسى: آ«ئەڭ ئالىي مەرتىبىلىك پەرۋەردىگارىم ئاللاھنى بارچە نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەنآ»([10]).2. سُبحانَكَ اللَّهُمَّ ربَّنَا وَبِحَمْدِكَ اَللَّهُمَّ اغْفِرْ لِي.ئوقۇلىشى: آ«سۇبھانەكەللاھۇممە رەببەنا ۋەبىھەمدىكە، ئاللاھۇممەغفىرلىآ».تەرجىمىسى: آ«ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىز سېنى جىمى نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمىز. پۈتۈن ھەمدۇ سانا ساڭا خاستۇر. ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىنآ»([11]).3. سُبُّوحٌ قُدُّوسٌ رَبُّ الْمَلاَئِكَةِ وَالرُّوحِ.ئوقۇلىشى: آ«سۇببۇھۇن قۇددۇسۇن رەببۇل مەلائىكەتى ۋەررۇھآ».تەرجىمىسى: آ«جىمى پەرىشتىلەرنىڭ، جىبرىئىلنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ بارچە نۇقسانلاردىن پاكتۇر، شەنى ئۇلۇغدۇرآ»([12]).ئىككى سەجدە ئارىسىدا ئوقۇلىدىغان دۇئا1. رَبِّ اِغْفِرْلِي، رَبِّ اِغْفِرْلِي.ئوقۇلىشى: آ«رەببىغفىرلىي، رەببىغفىر لىيآ».تەرجىمىسى: آ«ئى پەرۋەردىگارىم! گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن، ئى پەرۋەردىگارىم! گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىنآ»([13]).2.اَللَّهُمَّ اغْفِِرْلِي وَارْحَمْنِي وَاهْدِنِي وَاجبُرْنِي وعاَفِنِي وَارْزُقنِي وَارْفَعْنَي.تەرجىمىسى: آ«ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا رەھىم قىلغىن، مېنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلغىن، مېنى ياخشى ئىشلارغا مۇيەسسەر قىلغىن، ماڭا ساقلىق ۋە كەڭ رىزىق ئاتا قىلغىن، مەرتىبەمنى يۇقىرى قىلغىنآ»([14]).تىلاۋەت سەجدىسىدە ئوقۇلىدىغان دۇئا1. سَجَدَ وَجْهِي لِلَّذِي خَلَقَهُ وَصَوَّرَهُ، وَشَقَّ سَمْعَهُ وَبَصَرَهُ تَبَارَكَ اللهُ أَحْسَنُ الْخَالِقِيْنَ. (بىر قېتىم).تەرجىمىسى: آ«مېنىڭ يۈزۈم ئۇنى ياراتقان، چىرايلىق شەكىلگە كىرگۈزگەن ۋە كۆزۈم بىلەن قۇلىقىمنى ساغلام قىلغان زات ـ ئاللاھقا سەجدە قىلدى. ئەڭ ماھىر ياراتقۇچى ئاللاھ ھەممە جەھەتتىن ئەلۋەتتە ئۇلۇغدۇرآ»([15]).2. اَللَّهُمَّ اكتُبْ لِي بِهَا عِنْدَكَ أجْراً، وَضَعْ عَنِّي بِهَا وِزْراً وَاجْعَلْهَا ليِ عِنْدَك ذُخْراً، وتَقَبَّلْهَا منِّي كَمَا تَقَبَّلْتَهَا مِنْ عَبْدِك دَاوُدَ.تەرجىمىسى: آ«ئى ئاللاھ! قىلغان بۇ سەجدەم ئارقىلىق ماڭا ساۋاب بەرگىن، گۇناھىمنى يوق قىلغىن، بۇ سەجدىنى مەن ئۈچۈن دەرگاھىڭدا ئەسقاتىدىغان ئىبادەتلىرىم قاتارىدا قىلغىن، خۇددى داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىبادەتلىرىنى قوبۇل قىلغاندەك مەندىن ئۇنى قوبۇل قىلغىنآ»([16]).([1]) تىرمىزى رىۋايىتى.([2]) ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.([3]) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.([4]) ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم ۋە باشقىلار رىۋايىتى.([5]) ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.([6]) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.([7]) ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.([8]) ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.([9]) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.([10]) ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم ۋە باشقىلار رىۋايىتى.([11]) ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.([12]) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.([13]) ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى.([14]) ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.([15]) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.([16]) تىرمىزى رىۋايىتى.

