
تۆۋەندىكى دۇئالار پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كۈندىلىك تۇرمۇشى جەريانىدا، ھەرخىل جايلار ۋە چاغلاردا ئوقۇشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلغان ۋە ساھابەلىرىگە شۇنداق تەلىم بەرگەنلىرى بولۇپ، ئەڭ ئىشەنچىلىك ھەدىس كىتابلىرىدىن تاللاپ ئېلىندى.ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا ئوقۇلىدىغان دۇئالار1. اَلْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي أَحْيَانَا بَعْدَ مَا أَمَاتَنَا وَإِلَيْهِ النُّشُورُ.تەرجىمىسى: آ«بىزنى ئۇيقۇ بىلەن ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، قايتا ھايات بېغىشلىغان ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر ئېتىمەن. ئاخىرى قايتىش ئۇنىڭ تەرىپىگىدۇرآ»([1]).2. لاَ إِلٰهَ إِلاَّ اللّهُ وَحْدَهُ لاَ شَرِيكَ لَهُ: لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيْرٌ. سُبْحَانَ اللهِ وَالْحَمْدُ لِلَّهِ وَلاَ إلهَ إلاَّ اللَّهُ وَاللَّهُ أَكْبَرُ، وَلاَ حَوْلَ وَلاَ قُوَّةَ إلاَّ بِاللَّهِ اَلَّلهُمَّ اغْفِرْ لي. (10 قېتىم ئوقۇلىدۇ).تەرجىمىسى: آ«يالغۇز بىر ئاللاھ تائالادىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوق، ئۇنىڭ شېرىكى يوق، پادىشاھلىق، ھەمدۇ سانا ئۇنىڭغىلا خاستۇر. ئۇ ھەممىگە كۈچى يەتكۈچى زاتتۇر. ئاللاھ پاكتۇر، جىمى ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر. يالغۇز بىر ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ ئەڭ ئۇلۇغدۇر، يۇقىرى مەرتىبىلىك ۋە ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ياردىمى بولمىسا قولىمىزدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ. ئى پەرۋەردىگارىم! گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىنآ»([2]). 3. الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي عَافَانِي في جَسَدِي وَرَدَّ عَلَيَّ رُوحِي وأَذِنَ لِي بِذِكْرِهِ.تەرجىمىسى: آ«تېنىمنى ساق قىلغان، جېنىمنى ماڭا قايتا ئاتا قىلغان ۋە ئۆزىنى ياد ئېتىشىم ئۈچۈن ماڭا پۇرسەت بەرگەن ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتىمەنآ»([3]).كىيىنگەندە ئوقۇلىدىغان دۇئااَلْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي كَسَانِي هَذا وَرَزَقَنِيْهِ مِنْ غَيْرِ حَوْلٍ مِنِّي وَلاَ قُوَّةٍ.تەرجىمىسى: آ«ماڭا بۇ كىيىمنى كىيگۈزگەن ۋە بۇنى مېھنىتىمسىز ماڭا ئاتا قىلغان ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتىمەنآ»([4]).يېڭى كىيىم كىيگەندە ئوقۇلىدىغان دۇئااَللَّهُمَّ لَكَ الْحَمْدُ أَنْتَ كَسَوْتَنِيْهِ، أَسْأَلُكَ خَيْرَهُ وَخَيْرَ مَا صُنِعَ لَهُ أَعُوْذُ بِكَ مِنْ شَرِّهِ وَشَرِّ مَا صُنِعَ لَهُ.تەرجىمىسى: آ«ئى ئاللاھ! ساڭا ھەمدۇ سانا ئېيتىمەنكى، بۇ كىيىمنى ماڭا سەن كىيگۈزدۈڭ. سەندىن ئۇنىڭ يارىشىشىنى ۋە ئۇنىڭ بەرىكەت قىلىشىنى تىلەيمەن. ساڭا سېغىنىپ ئۇنىڭ چىركىنلىكىدىن ۋە يامانلىق كەلتۈرىشىدىن پاناھ تىلەيمەنآ»([5]).ھاجەتخانىغا كىرىشتە ئوقۇلىدىغان دۇئااللّهُمَّ إنِّي أَعُوذُ بِكَ مِنَ الْخُبْثِ وَالْخَبَائِثِ.تەرجىمىسى: آ«ئى ئاللاھ! ساڭا سېغىنىپ ئەركەك ـ چىشى شەيتانلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن پاناھ تىلەيمەنآ»([6]).ھاجەتخانىدىن چىققاندا ئوقۇلىدىغان دۇئاغُفْرَانَك، الْحَمْدُ ِللهِ الَّذيِ اَذْهَبَ عَنّيِ اْلأَذَى وَعَافَانِيَ.تەرجىمىسى: آ«ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمنى كەچۈرگەيسەن، مەندىن زىيان ـ زەخمەتنى يوق قىلغان ۋە مېنى سالامەت قىلغان ئاللاھقا ھەمدۇ سانا ئېيتىمەنآ»([7]).تاھارەت ئېلىشتىن بۇرۇن ئېيتىلىدىغان زىكىربِسْمِ اللهِ.تەرجىمىسى: آ«ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەنآ»([8]).تاھارەتتىن كېيىن ئوقۇلىدىغان دۇئا1. أَشْهَدُ أَنْ لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللّهُ وَحْدَهُ لاَ شَرِيْكَ لَهُ وَأَشْهَدُ أَنَّ مُحَمَّداً عَبْدُهُ وَرَسُولُه.تەرجىمىسى: آ«يالغۇز بىر ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقلىقىغا، ئۇنىڭ شېرىكى يوقلىقىغا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە بەرھەق پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەنآ»([9]).2. اَللَّهُمَّ اجْعَلْنِي مِنَ التَّوَّابيْنَ، وَاجْعَلْنِي مِنَ الْمُتَطَهِّرِيْنَ.تەرجىمىسى: آ«ئى ئاللاھ! مېنى تەۋبە قىلغۇچىلاردىن ۋە گۇناھلاردىن پاك بولغۇچىلاردىن قىلغىنآ»([10]).ئۆيدىن چىقىشتا ئوقۇلىدىغان دۇئابِسْمِ اللهِ تَوَكَّلْتُ عَلَى اللهِ لاَ حَوْلَ وَلاَ قُوَّةَ إِلاّ بِاللهِ.تەرجىمىسى: آ«ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم. ئاللاھنىڭ ياردىمى بولمىسا قولىمىزدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇآ»([11]). ئۆيگە كىرىشتە ئوقۇلىدىغان دۇئابِسْمِ اللهِ وَلَجْنَا وَبِسْمِ اللهِ خَرَجْنَا، وَعَلَى اللهِ رَبِّنَا تَوَكَّلْنَا.تەرجىمىسى: آ«ئاللاھنىڭ نامى بىلەن كىردۇق، ئۇنىڭ نامى بىلەن چىقتۇق ۋە پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھقا تەۋەككەل قىلدۇقآ»([12]).مەسجىدكە ماڭغاندا ئوقۇلىدىغان دۇئااَللَّهُمَّ اجْعَلْ في قَلْبِي نُوراً، وفي بَصَرِي نُوراً، وَفِي سَمْعِي نُوراً، وَعَنْ يَمِيْنِي نُوراً، وَعَنْ يَسَارِي نُوراً، وَفَوْقِي نُوراً، وَتَحْتِي نُوراً، وَأَمَامِي نُوراً، وَخَلْفِي نُوراً، وَأَعْظِمْ لِي نُوراً.تەرجىمىسى: آ«ئى ئاللاھ! دىلىمنى ئاق قىلغىن، كۆزۈمنى نۇرلۇق قىلغىن، قۇلىقىمنى نۇرلۇق قىلغىن، ئوڭ ۋە سول تەرىپىمنى نۇرلۇق قىلغىن، ئۈستى ۋە ئاستى تەرىپىمنى نۇرلۇق قىلغىن، ئالدى ۋە كەينى تەرىپىمنى نۇرلۇق قىلغىن ۋە ماڭا ئاتا قىلغان نۇرۇڭنى كاتتا قىلغىنآ»([13]).مەسجىدكە كىرگەندە ئوقۇلىدىغان دۇئا1. أَعُوذُ بِاللهِ الْعَظِيمِ وَبِوَجْهِهِ الْكَرِيمِ وَسُلْطَانِهِ الْقَدِيْمِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيْمِ.تەرجىمىسى: آ«ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقىغا، رەھىم ـ شەپقىتىگە ۋە ئەزەلدىن مەڭگۈگە داۋام قىلغۇچى بولغان پادىشاھلىقىغا سېغىنىپ، قوغلاندى شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەآ»([14]).2. اَللّهُمَّ افْتَحْ لِي أَبْوَابَ رَحْمَتِكَ.تەرجىمىسى: آ«ئى ئاللاھ! ئۇلۇغ پەزلىڭدىن رەھمەت ئاتا قىلىشىڭنى تىلەيمەنآ»([15]).مەسجىدتىن چىقىشتا ئوقۇلىدىغان دۇئااَللَّهُمَّ اعْصِمْنِي مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيْمِ.تەرجىمىسى: آ«ئى ئاللاھ! مېنى قوغلاندى شەيتاننىڭ شەررىدىن ساقلىغىنآ»([16]).ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: آ«سىلەرنىڭ بىرىڭلار مەسجىدكە كىرگەندە، ئالدى بىلەن ماڭا دۇرۇد ئېيتسۇن، ئاندىن اَللّهُمَّ افْتَحْ لِي أَبْوَابَ رَحْمَتِكَ دېگەن دۇئانى ئوقۇسۇن. مەسجىدتىن چىقىشتىمۇ، ئاۋۋال ماڭا دۇرۇد ئېيتسۇن، ئاندىن آ»اَللَّهُمَّ اعْصِمْنِي مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيْمِآ« دېگەن دۇئانى ئوقۇسۇنآ»([17]).ئەزان دۇئاسىپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: آ«ئەزان ئوقۇلغان ۋاقىتتا، مۇئەززىنگە ئەگىشىپ ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئېيتىڭلار، پەقەت آ«ھەييەئەلەسسالاھ ۋە ھەييەئەلەلفەلاھآ» دېگەندە، لاَحَوْلَ وَلاَ قُوَّةَ إلاَ بِالله ـ آ«لاھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھآ» يەنى آ«ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمى بولمىسا قولىمىزدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇآ» دەڭلا. بۇنى چىن قەلبىدىن ئېيتقان كىشى جەننەتكە كىرىدۇآ»([18]).ئەزاندىن كېيىن ئوقۇلىدىغان دۇئااَللَّهُمَّ رَبَّ هٰذِهِ الدَّعْوَةِ التَّامَّةِ وَالصَّلاةِ الْقَائِمَةِ آتِ مُحَمَّداً الْوَسِيْلَةَ وَالْفَضِيْلَةَ، وَابْعَثْهُ مَقَاماً مَحْمُوداً الَّذِي وَعَدْتَهُ.تەرجىمىسى: آ«ئى مۇشۇ ئۇلۇغ چاقىرىقنىڭ ۋە ئوقۇلىدىغان نامازنىڭ ئىگىسى ئاللاھ! پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا شاپائەت قىلىش پەزلىنى بەرگىن ۋە ئۇنى سەن ۋەدە قىلغان ئالىي ماقامغا ئېرىشتۈرگىنآ»([19]).پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە: آ«ئەزان بىلەن ناماز ئارىسىدا دۇئا قىلىڭلار. چۈنكى بۇ ۋاقىتتىكى دۇئا رەت قىلىنمايدۇآ»([20]) دەپ كۆرسەتكەن.([1]) ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.([2]) ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.([3]) تىرمىزى رىۋايىتى.([4]) ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.([5]) ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى.([6]) ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.([7]) ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.([8]) ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى.([9]) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.([10]) تىرمىزى رىۋايىتى.([11]) ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى.([12]) ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى.([13]) ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.([14]) ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى.([15]) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.([16]) ئىبنى ماجە رىۋايىتى.([17]) ئىبنى ماجە رىۋايىتى.([18]) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.([19]) ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.([20]) تىرمىزى رىۋايىتى.

