تخطَّ إلى المحتوى
انتقل إلى المحتوى

بۇ ئارخىپ ھەقسىز، ئوقۇرمەنلەرنىڭ قوللىشى بىلەن ئىشلەيدۇ.

ئىئانە

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق زات ئىدى

ئۇيغۇرچە3 مىنۇتلۇق ئوقۇش

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق زات ئىدى

ئاللاھتىن كەچۈرۈم سورايمەن، ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوق، ئاللاھ ئەڭ كاتتا، كۈچ - قۇۋۋەت پەقەتلا ئاللاھتىندۇر. ئۇلۇغ
ئاللاھنى ناپاك سۈپەتلەردىن پاكلايمىز، ئۇنى مەخلۇقاتلىرىنىڭ سانى بويىچە،
ئۇ رازى بولىدىغان رەۋىشتە، ئەرشىنىڭ زىننىتىگە يارىشىدىغان ۋە
كەلىمىلىرىنىڭ ئەڭ يىراق چىگرىسىگە بارغۇچىلىك ئاللاھنى ماختايمىز.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق ئىدى؛
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىر نەرسىنى ئەيىپلىمىگەن.
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھېچقاچان تاماقنى ئەيىپلىمىگەن بولۇپ؛ كۆڭلى تارتسا يەيتتى، تارتمىسا يېمەيتتى.
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇچرىغان كىشىگە ئاۋۋال سالام بېرەتتى.
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پېقىر- مىسكىنلەر بىلەن ئولتۇرۇپ قۇپاتتى.
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئولتۇرۇشتا ئۇدۇل كەلگەن يەردە ئولتۇراتتى.
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنىڭ ئەڭ سېخىسى ئىدى.
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنىڭ ئەڭ شىجائەتلىكى ئىدى.
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆزرە ئېيتىدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىتىن ناھايىتى بەك ھايا قىلاتتى.
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىراۋ بىر نەرسە سورىغان بولسا "يوق" دېمەيتتى.
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام جاھىللارغا ھەلىم – سەلىم بولۇپ، ئەزىيەتلەرگە سەۋرىچان ئىدى.
-    مۇھەممەد
ئەلەيھىسسالام پاراڭلاشقان كىشىنىڭ يۈزىگە تەبەسسۇم بىلەن قارايتتى، ئۇنىڭ
قولىنى تۇتاتتى ۋە پاراڭلىشىۋاتقان ئادەم قويۇپ بەرمىگۈچىلىك قولىنى
قويىۋەتمەيتتى.
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام گەپ قىلغان كىشىگە شۇنچىلىك
تىكىلىپ قارايتتىكى، ئۇ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەڭ  سۆيۈملۈك
كىشىنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى گۇمان قىلاتتى.
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىراۋنى سۆز بىلەن خوش قىلىشنى ئىرادە قىلغاندا، ئۇنىڭ سۆزىگە سۇكۇت ئىچىدە قۇلاق سالاتتى.
-    مۇھەممەد
ئەلەيھىسسالام، بىراۋانىڭ ئۆزىگە ئورنىدىن تۇرۇشىنى ياخشى كۆرمىگىنىدەك،
بىراۋنىڭ ئۆزىنى ھەددىدىن زىيادە ماختىشىنى ياقتۇرمايتتى.
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىر نەرسىنى ياقتۇرمىغاندا چىرايىدىن مەلۇم بولاتتى.
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىشتىن باشقا ۋاقىتلاردا ئوڭ قولى بىلەن ئۇرۇپ باقمىغان ئىدى.
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام غەلىبىدىن كېيىن مۇتەكەببىرلىك قىلمىغىنىدەك ئادەتتىن تاشقىرى خۇشاللىنىپمۇ كەتمەيتتى.
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دۇنيادا زاھىت ئىدى.
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يالغاننى كۆرگەندە غەزەپلىنەتتى.
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىش، ئاز بولسىمۇ داۋاملاشقىنى ئىدى.
-    مۇھەممەد
ئەلەيھىسسالام جامائەتكە ئىمام بولۇپ ناماز ئۆتىگەندە ئەڭ قىسقا،
ئۆزئالدىغا ناماز ئۆتىگەندە بولسا ئەڭ ئۇزۇن ناماز ئوقۇيتتى.
-     مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇخلىماقچى بولۇپ ياتىقىغا كىرگەندە ئوڭ قولىنى ئوڭ ئېڭىكىنىڭ ئاستىغا قوياتتى.
-    
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇخلىماقچى بولغاندا جۇنۇپ بولسا جىنسى ئورگىنىنى
يۇياتتى ۋە نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالاتتى.
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام خۇشال قىلىدىغان بىر ئىشنى كۆرگەندە شۈكرى قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ تەئەلاغا سەجدە قىلاتتى.
-    مۇھەممەد
ئەلەيھىسسالام بىر قەۋمدىن قورققىنىدا مۇنداق دۇئا قىلاتتى: آ«ئى ئاللاھ!
بىز ئۇلارنىڭ ئالدىدا سېنى دالدا قىلىمىز ۋە ئۇلارنىڭ شەررىدىن سەن بىلەن
پاناھ تىلەيمىزآ»…
-     مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ياخشى كۆرىدىغان بىر
نەرسىنى كۆرگەندە مۇنداق دەيتتى: آ«نېمەتلىرى بىلەن ياخشىلىقلارنى تولۇقلاپ
بېرىدىغان ئاللاھغا ھەمدۇ – سانالار بولسۇن.آ» يامان كۆرىدىغان بىر نەرسىنى
كۆرگەندە بولسا مۇنداق دەيتتى: آ«ھەر ئەھۋالدا ئاللاھغا ھەمدۇ – سانالار
بولسۇنآ».
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بامدات نامىزىنىڭ ئىككى رەكئەت (سۈننىت) ىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئوڭ يېنى ئۈستىگە ياتاتتى.
-    مۇھەممەد
ئەلەيھىسسالام مەييىتنى دەفنە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ (قەبرىسىنىڭ)
ئالدىدا تۇرۇپ مۇنداق دەيتتى: آ«قېرىندىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغفىرەت
تىلەڭلار ۋە ئۇنىڭغا مۇستەھكەملىك سوراڭلار، چۈنكى ئۇ، ھازىر سوراققا
تارتىلىۋاتىدۇ.آ»
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بېشىدا مىسۋاك بولماستىن ئۇخلىمايتتى، ئويغانغاندا مىسۋاك بىلەن (ئىشقا) باشلايتتى.
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تاماقنى ئۈچ بارمىقى بىلەن يەيتتى، قولىنى سۈرتۈشتىن بۇرۇن يالايتتى.
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تاھارەت ئېلىش، ئايىغىنى كىيىش، مېڭىش – تۇرۇش ۋە ھەر ئىشىدا ئوڭ تەرەپتىن باشلاشنى ياخشى كۆرەتتى.
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەر دائىم ئاللاھنى زىكرى قىلاتتى…
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تۆت رەكئەت چاشكا ۋاختى نامىزىنى ئوقۇيتتى. (ۋە بەزىدە) تۆت رەكئەتتىن كۆپ ئۆتەيتتى.
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى روزا تۇتۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرەتتى.
-    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بورىنىڭ ئۈستىدە ئۇخلايتتى، ئازغا رازى بولاتتى، ئۇنىڭ ياستۇقى دەرەخنىڭ قەۋزىقىدىن ئىدى.
-    
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېسىل ئەخلاقلىق بولۇشىغا قارىماي ئاللاھ
تائالادىن ئەخلاقىنى گۈزەل قىلىشىنى تىلەيتتى  ۋە ناچار ئەخلاقلاردىن پاناھ
تىلەيتتى.
-    ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى ئۇ
مۇنداق دەيدۇ: آ«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيتتى: ئى ئاللاھ! مېنى
چىرايلىق ياراتقىنىڭدەك ئەخلاقىمنى گۈزەل قىلغىن.آ» (ئىمامى ئەھمەد رىۋايەت
قىلغان)
-    ئەبى ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى ئۇ
مۇنداق دەيدۇ: آ«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دۇئا قىلاتتى: ئى ئاللاھ!
سەن بىلەن بەخىتسىلىكتىن، مۇنافىقلىقتىن ۋە ناچار ئەخلاقلاردىن پاناھ
تىلەيمەن.آ» (ئەبۇ داۋۇد ۋە نىسائىي رىۋايەت قىلغان)
ئاخىرىدا بۇنى ئالدىڭىزدا تاشلاپ قويماسلىقىڭىزنى ۋە بىزگە ياخشى دۇئالارنى قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭىزنى سورايمىز.

ئاللاھ
تەئەلا بىزنى ھەر دائىم ۋە ھەر ئىشتا ئۇنى ئۆزىمىزگە ئۈلگە قىلىش روھىنى
بىزگە ئاتا قىلسۇن. چۈنكى مۇئمىنلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئۆرنەك ئۇ مۇھەممەد
ئەلەيھىسسالامدۇر. ئاللاھ تەئەلا مۇنداق دەيدۇ:
آ«سىلەرگە ـ ئاللاھ نى،
ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھ نى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە ـ
رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر.آ» (ئەھزاب سۈرىسى، 33/21 – ئايەت)

ئەسلىدە ئېلان قىلىنغان mercyprophet.org

داۋاملىق ئوقۇڭ

  1. سەفا ۋە مەرۋىنىڭ ئارىسىنى سەئى قىلىپ مېڭىش ھەجنىڭ بىر روكنىدۇر

    سەفا ۋە مەرۋىنىڭ ئارىسىنى سەئى قىلىپ مېڭىش ھەجنىڭ بىر روكنىدۇر. لىكىن قۇرئاننىڭ ئايىتىدىكى )ھېچ باك يوق( دېگەن سۆزدىن بەزى ساھابىلەر بۇ سەئى قىلىش زۆرۈر ئەمەس بولسا كېرەك دېگەن گۇمان پەيدا بولغان ئىدى.

  2. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغاندا يۈز بەرگەن پەۋقۇلئاددە ۋەقەلەر ھەققىدىكى رىۋايەتلەرگە نەزەر

    ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى 1. پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسى ۋە ۋەھيدىن باشقا ئىشلاردا بىزگە ئوخشاشلا نورمال ئىنسان. 2…

  3. پەيغەمبىرىمىزنىڭ تۇنجى خۇتبىسى

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىرقچىلىققا قارشى ئەڭ گۈزەل سۆزلىرى بولغان مەشھۇر ۋىدا خۇتبىسىدىن خەۋىرى يوقلار بولمىسا كېرەك. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇنجى خۇتبىسىدە نېمىلەرنى ئېيتقانلىقىنى بىلىدىغانلار بارمۇ؟ بىر…

  4. ھەق پەيغەمبەرلىككە شاھىتلار

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە شاھىت بولىدىغان ئىلمىي ھەقىقەتلەر - جىمى ھەمدۇ سانالەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، قۇرئان كەرىمنى ئۆزىگە ئەخلاق قىلغان كىشىگە دۇرۇت ۋە سالاملار…

  5. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياشلارغا قانداق مۇئامىلە قىلاتتى؟ (2)

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك دوستلار! بۇ تىمىنىڭ بىرىنجى بۆلۈمىنى دىققىتىڭلارغا سۇنغان ۋە سىز ئىلىم سۆيەر قېرىنداشلىرىمنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. بۈگۈن سىلەرگە ئىككىنچى بۆلۈمىنى سۇنىمەن.1-ياشلارنى قەدىرلەش: قەدىرلەشنىڭ…

تۈرنى قوللاش ئۈچۈن بىزگە يېزىڭ