تخطَّ إلى المحتوى
انتقل إلى المحتوى

بۇ ئارخىپ ھەقسىز، ئوقۇرمەنلەرنىڭ قوللىشى بىلەن ئىشلەيدۇ.

ئىئانە

ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغانلىقى (2)

ئۇيغۇرچە6 مىنۇتلۇق ئوقۇش

ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغانلىقى (2)

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ يېتۈك ئالىمى ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمانى ئابدۇللاھ
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇماغا بېرىلگەن ئىلىم ۋە ھېكمەت ئاللاھنىڭ
پەزلى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلغان دۇئاسىنى
ئىجابەت قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىدى. ئۇ كىچىك ۋاقىتدا پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنىڭ تاھارەت سۈيىنى تەييارلاپ بەرگەن بولۇپ، پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىپ: "ئى ئاللاھ، ئۇنى دىندا فەقىھ
قىلغىن" دەپ دۇئا قىلغانىدى. [مۇسلىم رىۋايىتى]. يەنە بىر رىۋايەتتە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇبارەك قولىنى ئابدۇللاھ
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۈرىسىگە قويۇپ تۇرۇپ: "ئى ئاللاھ، ئۇنى
دىندا فەقىھ قىلغىن، ئۇنىڭغا تەۋىلنى بىلدۈرگىن" دەپ دۇئا قىلغان. [بۇخارى
ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

  
ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۈچۈن قىلغان دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغان. ئاللاھ ئۇنى
دىندا فەقىھ قىلغانلىقىدىن ۋە ئۇنىڭغا ئەڭ گۈزەل تەۋىللەرنى
بىلدۈرگەنلىكىدىن ئۇ يېشىنىڭ كىچىك بولىشىغا قارىماي ئىلىمدە
زامانداشلىرىدىن ئېشىپ كەتكەنىدى. ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنى
پىشقەدەم ساھابىلار بىلەن بىرگە ئولتۇرغۇزاتتى، ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سوراپ،
پىكرىنى ئالاتتى. پىقھىشۇناس ئالىم ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئىبنى
ئابباس قۇرئان كەرىمنىڭ نېمىدېگەن ياخشى تەرجىمانىدۇر، دېگەن.

  
ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلىرىنىڭ ساھابىلىرى ئۈچۈن قىلغان دۇئالىرىنى
ئىجابەت قىلغىنىدەك، ئۇلارنىڭ كاپىرلار ياكى ئاسىيلارغا ھالاكەت تىلەپ
قىلغان دۇئالىرىنىمۇ ئىجابەت قىلغان.

  
ئاللاھ تائالا نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كاپىرلارغا ھالاكەت تىلەپ قىلغان
دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇلارنى سۇغا غەرق قىلىپ ھالاك قىلغان:

  
آ«نۇھ ئېيتتى: آ«پەرۋەردىگارىم يەر يۈزىدە كاپىرلارنىڭ بىرىنىمۇ قويمىغىن.
ئەگەر ئۇلارنى قويساڭ، شۈبھىسىزكى، بەندىلىرىڭنى ئازدۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ
تاپقان بالىلىرىمۇ پەقەت فاجىر، كاپىر بولىدۇآ». (سۈرە نۇھ 26-، 27-
ئايەتلەر).

   
آ«ئۇ پەرۋەردىگارىغا: آ«ھەقىقەتەن مەن بوزەك قىلىندىم، ياردەم قىلغىنآ» دەپ
دۇئا قىلدى. ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىنى قۇيۇلۇپ ياغقۇچى يامغۇر بىلەن
ئېچىۋەتتۇق. زېمىندىن بۇلاقلارنى ئېتىلدۇرۇپ چىقاردۇق، (ئاللاھ تەقدىر
قىلغان ئۇلارنى غەرق قىلىپ ھالاك قىلىش) ئىشىغا بىنائەن، يامغۇر سۈيى بىلەن
بۇلاق سۈيى (بىر- بىرىگە قوشۇلدى. نۇھنى تاختا ۋە مىخلار بىلەن ياسالغان
كېمىگە سالدۇق. كېمە بىزنىڭ ھىمايىمىز ئاستىدا ماڭاتتى، ئىنكار قىلىنغاننى
(يەنى نۇھنى) مۇكاپاتلاش ئۈچۈن (نۇھنىڭ قەۋمىنى غەرق قىلدۇق)آ». (قەمەر
سۈرىسى 10- 14 ئايەتلەر).

  
ئاللاھ تائالا ھەزرىتى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چوڭچىللىق قىلىپ، ئىماندىن
يۈز ئۆرىگەن پىرئەۋنغا ھالاكەت تىلەپ قىلغان دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنى
سۇغا غەرق قىلىپ ھالاك قىلغان:

  
آ«مۇسا ئېيتتى: ئى پەرۋەردىگارىمىز! كىشىلەرنى يولۇڭدىن ئازدۇرۇشى ئۈچۈن ـ
ئى پەرۋەردىگارىمىز! ـ پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا ھاياتىي
دۇنيادا زىننەت بۇيۇملىرىنى، تۈرلۈك مال - مۈلۈكلەرنى بەردىڭ.
پەرۋەردىگارىمىز! ئۇلارنىڭ مال- مۈلۈكلىرىنى يوق قىلغىن، ئۇلارنىڭ
دىللىرىنى قاتتىق قىلغىن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىمان ئېيتماي قاتتىق ئازابنى
كۆرسۇنآ». (سۈرە يۇنۇس 88- ئايەت).

  
آ«پىرئەۋن غەرق بولىدىغان ۋاقىتتا: ئىمان ئېيتتىمكى، ئىسرائىل ئەۋلادى
ئىمان ئېيتقان ئىلاھتىن غەيرىي ئىلاھ يوقتۇر، مەن مۇسۇلمانلاردىنمەن،
دېدىآ». (سۈرە يۇنۇس 90- ئايەت).

  
پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسى ۋە سەردارى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ
ئەھۋالىمۇ شۇنداق بولغانىدى. بىر كۈنى ئۇ سەجدىگە باش قويغاندا مۇشرىكلەر
تۆگىنىڭ قېرىن ۋە ئىچ باغرىنى ئۇنىڭ گەجگىسىگە تاشلاپ قويۇپ، مەسخىرە
قىلىشىپ كۈلۈشكەندە ئۇ: "ئى ئاللاھ، قۇرەيشنى ھالاك قىلغىن" دەپ ئۈچ قېتىم
تەكرارلايدۇ.

   ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئاۋازلىرى ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەن، دەيدۇ.

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: "ئى ئاللاھ، ئەبۇ جەھلى ئىبنى
ھىشامنى، ئۇتبە ئىبنى رەبىئەنى، شەيبە ئىبنى رەبىئەنى، ۋەلىد ئىبنى
ئۇتبەنى، ئۇمەييە ئىبنى خەلەفنى، ئۇقبە ئىبنى ئەبۇ مۇئىيتنى ھالاك قىلغىن".

  
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يەتتىنىچى
كىشىنىڭ ئىسمىنىمۇ زىكرى قىلغانىدى لېكىن مەن ئۇنتۇپ قالدىم، مۇھەممەد
ئەلەيھىسسالامنى ھەق بىلەن ئەۋەتكەن زات بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام ئىسىملىرىنى زىكرى قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بەدرى كۈنى يەر
چىشلىگەنلىكىنى ئاندىن ئۇلارنىڭ بەدرى قۇدۇقىغا سۆرەلگەنلىكىنى كۆرگەنىدىم،
دېگەن.

  
ئىبنى ھەجەر رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: بۇ دۇئا ئىلگىركى دۇئانىڭ ئاخىرى
بولغان بولىشى مۇمكىن. بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرلىك ئالامەتلىرىدىن كاتتا
ئالامەتلەر بار، دەيدۇ.

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنە - مۇنەۋۋەرەگە ھىجرەت قىلغان ۋە
قۇرەيشلەرنىڭ ئىسلام دىنىدىن يۈز ئۆرۈپ، خەلقنى ئۇنىڭدىن توسقانلىقىنى
كۆرگەن ۋاقىتتا: "ئى ئاللاھ، ئۇلارغا يۈسۈپنىڭ يەتتە يىلىدەك يەتتە يىل
ئاچلىق بەرگىن" دېگەن.

  
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئۇلارغا قاتتىق قەھەتچىلىك يۈزلەنگەنكى،
ھەتتا ئۇلار ئاچلىقتىن تىرە ۋە تاپلارنى يېگەن، ئاسمان ئۇلارغا تۈتۈندەك
كۆرۈلگەن، دەيدۇ.

  
بۇ ۋاقىتتا ئەبۇ سۇفيان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى
مۇھەممەد! سەن ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشقا، سىلە رەھىم قىلىشقا
بۇيرۇيسەن، قەۋمىڭ ھەقىقەتەن ھالاك بولدى، ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھقا دۇئا
قىلغىن، دېگەن.

  
يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق كەلگەن: ئەبۇ سۇفيان پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭ ھەقىقەتەن ھالاك
بولدى، ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھقا دۇئا قىلغىن، دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
دۇئا قىلىپ، ئاندىن: "ئى ئاللاھ، ئەگەر ئۇلار قايتىۋالسا سەنمۇ قايتقىن"
دېگەن.

  
ئاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئايەتلەرنى ئۇقۇغان: آ«(ئى
مۇھەممەد!) سەن ئاسمان (ھەممە ئادەم) ئوچۇق (كۆرىدىغان) تۈتۈننى
كەلتۈرىدىغان كۈندە (ئۇلارغا بولىدىغان ئازابنى) كۈتكىن. (ئۇ تۈتۈن)
كىشىلەرنى ئورىۋالىدۇ، بۇ قاتتىق ئازابتۇر. (ئۇلار) آ«پەرۋەردىگارىمىز!
بىزدىن ئازابنى كۆتۈرۈۋەتكىن، بىز ھەقىقەتەن ئىمان كەلتۈرگۈچىدۇرمىزآ»
(دەيدۇ). (ئازاب كۆتۈرۈلۈپ كەتكەندە) ئۇلار قانداقمۇ ئىبرەت ئالسۇن،
ھالبۇكى، ئۇلارغا روشەن پەيغەمبەر كەلدى (شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار ئىمان
ئېيتمىدى). ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈدى ۋە: آ«ئۇ ئۆگىتىلگەن (يەنى
قۇرئاننى كىشىلەردىن ئۆگەنگەن) دۇر، مەجنۇندۇرآ» دېدى. بىز ھەقىقەتەن
ئازابنى (سىلەردىن) ئازغىنا ۋاقىت كۆتۈرۈۋېتىمىز، (ئاندىن) سىلەر ھەقىقەتەن
(ئىلگىرىكى كاپىرلىق ھالىتىڭلارغا) قايتىۋالىسىلەر. ئۇلارنى قاتتىق تۇتقان
كۈنىمىزدە چوقۇم جازالايمىزآ». (سۈرە دۇخان 10- 16 ئايەتلەر).

  
قۇرەيش كاپىرلىرى ھەقىقەتەن رەسۇلۇللاھنىڭ دۇئاسىنىڭ ئىجابەت
قىلىنىدىغانلىقىنى بىلىپ ئۇنىڭدىن دۇئا قىلىشىنى ئۈتىنگەن. آ«ئۇلار سېنى
(ئىچىدە) ئىنكار قىلمايدۇ (لېكىن ئۇلار تەرسالىقتىن ئىنكار قىلىدۇ)،
(ھەقىقەتتە) زالىملار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدۇآ». (سۈرە ئەنئام
33- ئايەت).

  
ئەبۇ لەھەبنىڭ ئوغلى ئۇتەيبە قۇرئان كەرىمنى مەسخىرە قىلىپ، ھالاك
بولغۇچىلارنىڭ تىزىملىكىگە ئاتا - ئانىسى بىلەن بىرگە تىزىملىۋېتىلگەنىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ مەگەن چىشلىرىنىڭ
ئارىسىدا ئۆلتۈرۈلۈشىگە دۇئا قىلىپ: "ئى ئاللاھ ئۇنىڭغا ئىتلىرىڭدىن بىر
ئىتنى مۇسەللەت قىلغىن" دېگەنىدى. ئاللاھ ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ دۇئاسىنى
ئىجابەت قىلدى. ئۇتەيبە كۈنلەرنىڭ بىرىدە كارۋانلار بىلەن شامغا قاراپ
يولغا چىقىدۇ، يولدا بىر ئۆتەڭگە چۈشكەندە ئەتراپىدىكىلەرگە: مەن
مۇھەممەدنىڭ دۇئاسىنىڭ ئىجابەت قىلىنىشىدىن قورقۇۋاتىمەن، دەيدۇ، ئۇلار
ئۇتەيبىنىڭ ئەتراپىنى يۈك - تاقلىرى بىلەن قورشاپ، ئۇنى قاتتىق قوغداپ
ئولتۇرىدۇ. دەل بۇ ۋاقىتتا بىر شىر ئېتىلىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن
ئۇتەيبىنى چىشلىگەن ھالدا ئېلىپ كېتىدۇ. (ھاكىم رىۋايىتى).

  
ئىبنى ئەساكىرنىڭ رىۋايىتىدە مۇنداق كېلىدۇ: ئۇتەيبىنىڭ ئاتىسى بۇ خەۋەرنى
ئاڭلىغىنىدىن كېيىن: مەن ھەقىقەتەن ئۇتەيبىنىڭ مۇھەممەدنىڭ دۇئاسىدىن
قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى بىلگەنىدىم، دېگەن.

  
بۇسرىن ئەلئەشجەئىي ئىسىملىك بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدا
ئولتۇرۇپ، سول قۇلى بىلەن يېيىشكە باشلايدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
ئۇنىڭغا ئوڭ قۇلى بىلەن يېيىش لازىملىقىنى ئەسكەرتكەندە ئۇ ھەقنى قوبۇل
قىلىشتىن تەكەببۇرلۇق قىلىپ: قادىر بولالمايمەن، دەيدۇ. پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام: قادىر بولالمىغايسەن، كىبرى ئۇنى ھەقنى قوبۇل قىلىشتىن
توسۇپ قويدى، دەيدۇ. شۇنىڭ ئۇ قۇلىنى كۆتۈرۈپ ئاغزىغا ئېلىپ بارالمايدىغان
بولۇپ قالىدۇ. دېمەك، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ ھەقنى قوبۇل قىلىشتىن
تەكەببۇرلۇق قىلغانلىقىغا جازا بېرىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى
ناھايىتى تىز ئىجابەت قىلغانلىقتىن ئۇنىڭ ئوڭ قۇلى پالەج بولۇپ قالغان.

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسى بىر ئەرابىينى ھەم ناھايىتى تىز
تۇتقان, پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ كېسىلىنى يوقلاپ كىرىپ: "ھېچقىسى
يوق، ئاللاھ خالىسا بۇ كېسەل سىزنى گۇناھلىرىڭىزدىن پاكلايدۇ" دېگەندە، ئۇ
ئەرابىي ئۈمىدسىزلىك ۋە ئاللاھقا يامان گومان ئىچىدە: بۇ كېسەل مېنى
پاكلامدۇ؟ ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! بەلكى ئۇ مەندەك بىر قېرىنى قىيناپ
گورغا تىقىدىغان كېسەلدۇر، دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "ئۇنداقتا
ماقۇل" دەيدۇ. (بۇخارى رىۋايىتى).

  
ئىبنى ھەجەر رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: بۇ ھەدىسنىڭ بەزى يوللىرىدا بۇنى
پەيغەمبەرلىك ئالامەتلىرىنىڭ بايانىدا كەلتۈرۈشنى تەقەززا قىلىدىغان ئارتۇق
تەرىپى بار بولۇپ، ئۇنى تەبەرانى ۋە باشقىلار رىۋايەت قىلغان، ئۇنىڭ
ئاخىرىدا مۇنداق كەلگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "سىز بۇنىڭغا
ئۇنىمىسىڭىز، ئۇنداقتا ئۇ سىزنىڭ دېگىنىڭىزدەك بولسۇن، ئاللاھنىڭ قازاسى
ئىجرا بولغۇچىدۇر" دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى ئەتىسى ئۆلۈپ كەتكەن، دەيدۇ.

  
مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىجابەت قىلىنغان دۇئالار ئاللاھ تائالانىڭ
پەيغەمبىرىدىن رازى بولغانلىقىنىڭ ۋە ئۇنى قوللاپ، قۇۋۋەتلىگەنلىكىنىڭ
دەلىلىدۇر. ئەگەر ئۇ رەببىنىڭ نامىدىن يالغاننى توقۇپ، پەيغەمبەرلىكنى داۋا
قىلغان بولسا ئەلۋەتتە ئاللاھ ئۇنى رەسۋا قىلغان ۋە ھالاك قىلغان بولاتتى:
آ«ئەگەر ئۇ بىزنىڭ نامىمىزدىن يالغاننى توقۇيدىغان بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنى
قۇدرىتىمىز بىلەن جازالايتتۇق. ئاندىن ئۇنىڭ ئاساسي قىزىل تومۇرىنى كېسىپ
تاشلايتتۇق. سىلەردىن ھېچبىر ئادەم ئۇنى قوغداپ قالالمايتتىآ». (سۈرە ھاققە
44-، 45-، 46-، 47- ئايەتلەر).

ئەسلىدە ئېلان قىلىنغان mercyprophet.org

داۋاملىق ئوقۇڭ

  1. سەفا ۋە مەرۋىنىڭ ئارىسىنى سەئى قىلىپ مېڭىش ھەجنىڭ بىر روكنىدۇر

    سەفا ۋە مەرۋىنىڭ ئارىسىنى سەئى قىلىپ مېڭىش ھەجنىڭ بىر روكنىدۇر. لىكىن قۇرئاننىڭ ئايىتىدىكى )ھېچ باك يوق( دېگەن سۆزدىن بەزى ساھابىلەر بۇ سەئى قىلىش زۆرۈر ئەمەس بولسا كېرەك دېگەن گۇمان پەيدا بولغان ئىدى.

  2. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغاندا يۈز بەرگەن پەۋقۇلئاددە ۋەقەلەر ھەققىدىكى رىۋايەتلەرگە نەزەر

    ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى 1. پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسى ۋە ۋەھيدىن باشقا ئىشلاردا بىزگە ئوخشاشلا نورمال ئىنسان. 2…

  3. پەيغەمبىرىمىزنىڭ تۇنجى خۇتبىسى

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىرقچىلىققا قارشى ئەڭ گۈزەل سۆزلىرى بولغان مەشھۇر ۋىدا خۇتبىسىدىن خەۋىرى يوقلار بولمىسا كېرەك. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇنجى خۇتبىسىدە نېمىلەرنى ئېيتقانلىقىنى بىلىدىغانلار بارمۇ؟ بىر…

  4. ھەق پەيغەمبەرلىككە شاھىتلار

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە شاھىت بولىدىغان ئىلمىي ھەقىقەتلەر - جىمى ھەمدۇ سانالەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، قۇرئان كەرىمنى ئۆزىگە ئەخلاق قىلغان كىشىگە دۇرۇت ۋە سالاملار…

  5. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياشلارغا قانداق مۇئامىلە قىلاتتى؟ (2)

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك دوستلار! بۇ تىمىنىڭ بىرىنجى بۆلۈمىنى دىققىتىڭلارغا سۇنغان ۋە سىز ئىلىم سۆيەر قېرىنداشلىرىمنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. بۈگۈن سىلەرگە ئىككىنچى بۆلۈمىنى سۇنىمەن.1-ياشلارنى قەدىرلەش: قەدىرلەشنىڭ…

تۈرنى قوللاش ئۈچۈن بىزگە يېزىڭ