تخطَّ إلى المحتوى
انتقل إلى المحتوى

بۇ ئارخىپ ھەقسىز، ئوقۇرمەنلەرنىڭ قوللىشى بىلەن ئىشلەيدۇ.

ئىئانە

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھىجاز زېمىنىدىن ۋولقان كۆتۈرۈلىدىغانلىقى ھەققىدە ئالدىن خەۋەر بەرگەنلىكى

ئۇيغۇرچە7 مىنۇتلۇق ئوقۇش

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھىجاز زېمىنىدىن ۋولقان كۆتۈرۈلىدىغانلىقى ھەققىدە ئالدىن خەۋەر بەرگەنلىكى
پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنىڭ يەمەندىن كېلىدىغان ئۇۋەيس ئەلقەرەنىي (رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇ) نىڭ ھەققىدەبەرگەن خەۋىرىمۇ ئاللاھ تائالا مۇھەممەد
ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە ئۇ زاتقا ئالدىن
بىلدۈرگەن غەيبىي خەۋەرلەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
ساھابە كىراملىرىغا ئۇۋەيس ئەلقەرەنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بەزى
سۈپەتلىرىنى سۆزلەپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "سىلەرگە يەمەندىن ئۇۋەيس
دېيىلىدىغان بىر ئادەم كېلىدۇ، ئۇنىڭ يەمەندە ئانىسىدىن باشقا ھېچقانداق
ئورۇق- تۇغقانلىرى يوق، ئۇ ئادەمدە ئاق كېسەل بار 
بولۇپ، ئاللاھتائالاغا دۇئا قىلغاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇنىڭ ئاق كېسىلىدىن
دىنار ياكى دىرھەمنىڭ ئورنىچىلىك يەردىن باشقىسىنى كەتكۈزۈۋەتكەن، سىلەردىن
كىمكى ئۇنىڭغا ئۇچراشسا ئۇ، مەغپىرەت تىلەپ قويسۇن". (ئىمام مۇسىلم
رىۋايىتى).

  
بۇ ئىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلام خەۋەر بەرگەندەك روياپقا چىقىدۇ. ھەزرىتى
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ زامانىدا يەمەن ئاھالىلىرى مەدىنىگە قەدەم
تەشرىپ قىلىشقا باشلىغاندا ھەزرىتى ئۆمەر ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ،
ئاراڭلاردا قەرەندىن كەلگەنلەر بارمۇ؟  دەپ سۈرۈشتۈرۈپ، ئاخىرى قەرەندىن
كەلگەنلەرنى تاپىدۇ.

  
ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھ ئەنھۇ سەپ ئىچىگە كىرىپ، سۈرۈشتۈرۈپ ئاخىرى
ئۇۋەيس ئەلقەرەنىنى تېپىپ، ئۇنىڭ تۈگىسىنىڭ يۈگىنىنى تۇتۇپ تورۇپ:

   - ئىسمىڭىز نېمە؟

   - ئۇۋەيس.

   - ئانىڭىز ھاياتمۇ؟

   - ھەئە، ھايات.

   - سىز ئىلگىرى ئاق كېسەلگە گىرىپتار بولغانمۇ؟

  
- ھەئە. ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلغانىدىم، ئۇ زات پەرۋەردىگارىنى ئەسلەپ
تۇرسۇن دەپ ئاق كېسەلدىن دىرھەمنىڭ ئورنىچىلىك يەردىن باشقىسىنى
كەتكۈزۈۋەتكەن.

   - ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مەن ئۈچۈن مەغپىرەت تىلەپ قويۇڭ.

   - ئۇۋەيس: سىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن. مەغپىرەت تىلەپ قويۇشقا سىز ھەقلىق.

  
- ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ:
"تابىئىنلەرنىڭ ياخشىسى ئۇۋەيس دېيىلىدىغان ئادەمدۇر، ئۇنىڭ يەمەندە
ئانىسىدىن باشقا ھېچقانداق ئورۇق- تۇغقانلىرى يوق،
ئۇ ئادەمدە ئاق كېسەل بار بولۇپ، ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلغانلىقتىن ئاللاھ
ئۇنىڭ ئاق كېسىلىدىن دىنار ياكى دىرھەمنىڭ ئورنىچىلىك يەردىن باشقىسىنى
كەتكۈزۈۋەتكەن، سىلەردىن كىمكى ئۇنىڭغا ئۇچراشسا ئۇ، مەغپىرەت تىلەپ
قويسۇن". دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم، دەيدۇ.  شۇنىڭ بىلەن ئۇۋەيس ھەزرىتى
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا مەغپىرەت تىلەيدۇ. كېيىن ئۇ خەلق ئارىسىغا كىرىپ
كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكى بىلىنمىگەن. (ئىمام ئەھمەد
رىۋايىتى).

   ئىمام نەۋەۋى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: "ئۇۋەيسنىڭ قىسسىسىدە ئۇچۇق مۆجىزىلەر بار" دەيدۇ.

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھىجاز زېمىنىدىن ۋولقان كۆتۈرۈلىدىغانلىقى
ھەققىدىكى خەۋىرىمۇ ئۇ زاتقا ئالدىن بىلدۈرۈلگەن غەيبىي خەۋەرلەرنىڭ
جۈملىسىدىندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: "ھىجاز زېمىنىدىن
بۇسرادىكى تۆگىلەرنىڭ بويۇنلىرىنى يۇرىتىۋېتىدىغان ئوت كۆتۈرۈلۈپ
چىقمۇغىچىلىك قىيامەت قايىم بولمايدۇ". بۇ ئىش مۇھەممەد ئەلەيھىىسسالامنىڭ
پەيغەمبەرلىكىنى تەكىتلەيدىغان  يەنە بىر دەلىل سۈپىتىدە ھىجرىيە 654- يىلى
روياپقا چىقىدۇ.

  
ئىمام نەۋەۋى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: "ھىجرىيە 654- يىلى مەدىنە
مۇنەۋۋەرەنىڭ جەنۇبى تەرىپىدىن ناھايىتى كاتتا ئوت كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، شام
ۋە باشقا شەھەرلەردە بۇ ھەقتە ناھايىتى ئېنىق خەۋەر تارقالغان، بۇ ھەقتىكى
خەۋەرنى ماڭا مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە بۇ ئۆتنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرگەن
كىشىلەر خەۋەر قىلغان" دەيدۇ.

  
ئىبنى كەسىر رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: "بۇ ئىش ھىجرىيە 654- يىلى يۈزبەرگەن
بولۇپ، تارىخشۇناسلار ۋە ئۇلاردىن باشقا كۆپلىگەن كىشىلەر بۇ ھەقتە نۇرغۇن
ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان. ئۆز زامانىسىدىكى تارىخچىلارنىڭ پېشۋاسى،
ھەدىسشۇناسلارنىڭ ئۇستازى بولغان شىھابۇددىن ئابدۇرەھمان ئىسمائىل مۇنداق
دېگەن: بۇ ۋەقە ھىجرىيە 654- يىلى جۇمادا ئاخىرنىڭ بەشىنچىسى جۈمە كۈنى
يۈزبەرگەن بولۇپ، بۇ ئوتنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەدىنە مۇنەۋۋەرە ئەھلى
تەرىپىدىن نۇرغۇن كىتابلار يېزىلغان. بۇ ۋاقىتتا  مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىكى
خەلق گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىپ، مەسجىدى نەبەۋىيغا پاناھلىنىۋالغان" دەيدۇ.

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكنى دەۋا قىلىدىغان دەججاللارنىڭ
چىقىدىغانلىقى ھەققىدە بەرگەن خەۋىرىمۇ ئاللاھ تائالا ئۇ زاتنىڭ
پەيغەمبەرلىكىنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە ئۇ زاتقا ئالدىن بىلدۈرۈلگەن غەيبىي
خەۋەرلەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەججاللاردىن
ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: " ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى دەپ دەۋا
قىلىدىغان ئوتتۇزچە يالغانچى دەججاللار چىقمۇغىچىلىك قىيامەت قايىم
بولمايدۇ". (ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى).

  
يەنە بىر رىۋايەتتە: "ئۈممىتىم ئىچىدە يىگىرمە يەتتە نەپەر يالغانچى
دەججال چىقىدۇ، ئۇلارنىڭ تۆت نەپىرى ئايالدۇر. ۋاھالەنكى، مەن
پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسى بولۇپ، مەندىن كېيىن ھېچقانداق پەيغەمبەر
كەلمەيتتى". (ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى).

  
ئىبنى ھەجەر رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىستىن مۇتلەق
پەيغەمبەرلىكنى دەۋا قىلغۇچىلار مەقسەت قىلىنمايدۇ. ئۇنداقلار سانىنى
ھېسابلىغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە كۆپتۇر. بۇ ھەدىستىن پەقەت
پەيغەمبەرلىكنى دەۋا قىلىپ ھاماقەتلەر ئوتتۇرىسىدا نوپۇزى تىكلەنگەنلەر
مەقسەت قىلىنىدۇ". (فەتھۇلبارى).

  
پەيغەمبەرلىكنى دەۋا قىلغۇچى تۆت ئايالنىڭ ئەۋۋەلقىسى بەنى تەمىم
قەبىلىسىدىن ئەرەب ئارىلىدا پەيغەمبەرلىكنى دەۋا قىلىپ چىققان سۇجاھ
ئەتتەمىمىيە دېگەن ئايالدۇر.

  
ئىبنى ھەجەر رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ
زامانىسىدا يامامەدىن كەززابمۇسەيلىمە، يەمەندىن ئەسۋەد ئەلئەنسىي، ھەزرىتى
ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدە بەنى ئەسەد
قەبىلىسىدىن تۇلەيھە ئىبنى خۇۋەيلىد، بەنى تەمىم قەبىلىسىدىن سۇجاھ
قاتارلىقلار چىقىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەججاللار ھەققىدىكى
سۆزىنىڭ راستلىقىنىئىسپاتلىغان"دەيدۇ. (فەتھۇلبارى).

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرلىكنى دەۋا قىلىپ چىقىدىغانلىقىدىن
ئالدىن خەۋەر بەرگەن ئىككى دەججالنىڭ بىرسى يامامىلىك كەززابمۇسەيلىمە،
يەنە بىرسى يەمەنلىك ئەسۋەد ئەلئەنسىي ئىدى.

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چۈشىدە، ئىككى قولىدا ئىككى دانە ئالتۇن بىلەيزۈك
تۇرغانلىقىنى كۆرگەن. ئۇ زات مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ئىش مېنى غەمگە تاشلىدى،
ئۇيقۇمدا ئۇنى پۈدىگىن دەپ ۋەھيى قىلىندى، مەن بۇ ئىككىسىنى پۈدىۋەتتىم، ئۇ
ئۇچۇپ كەتتى، مەن بۇنى مەندىن كېيىن چىقىدىغان ئىككى كاززاب دەپ تەۋىل
قىلدىم".

  
ئىككى كاززابنىڭ ئەۋۋەلقىسى كەززابمۇسەيلىمە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ
زامانىسىدا مەدىنىگە كېلىپ: مۇھەممەد كېيىنكى ئىشنى ماڭا بەرسە مەن ئۇنىڭغا
ئەگىشەتتىم دېگەندە، قولىدا خورما شىۋىقى تۇتۇپ تۇرغان پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام: "ئەگەر بۇ شىۋىقنى سورىساڭمۇ ھەرگىز بەرمەيمەن، ئاللاھنىڭ
ئەمرىگە ھەرگىز تاجاۋۇز قىلالمايسەن، ئەگەر (ماڭا ئەگىشىشتىن) باش تارتساڭ
ئاللاھ سىنى چوقۇم ھالاك قىلىدۇ، مەن ھازىر سېنىڭ ھەققىڭدە چۈشۈمدە ماڭا
كۆرسىتىلگەننى كۆرۈۋاتىمەن" دېگەن. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ
ئۇنىڭ ھەققىدە كۆرگەن چۈشى روياپقا چىقىدۇ.

   ئەبۇ ھۆرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: "ئىككى كاززابنىڭ بىرى يەمەنلىك ئەسۋەد ئەلئەنسىي يەنە بىرى يامامىلىك كەززابمۇسەيلىمەدۇر"دەيدۇ.

  
ئىمام نەۋەۋى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ
كەززابمۇسەيلىمەگە: "ئەگەر (ماڭا ئەگىشىشتىن) باش تارتساڭ ئاللاھ سېنى
چوقۇم ھالاك قىلىدۇ" دېگىنىدەك، ئاللاھ تائالا ئۇنى يامامە كۈنى ساھابە
كىراملەرنىڭ قولى بىلەن ھالاك قىلىپ، ئۇنىڭ ھىيلە  - نەيرەڭلىرىنى بەربات
قىلغان. بۇ پەيغەمبەرلىك مۆجىزىلىرىدىندۇر"دەيدۇ.

  
ئىككى كاززابنىڭ ئىككىنچىسى ئەسۋەد ئەلئەنسىي پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ
ۋاپاتىغا يېقىن پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلىپ چىققان بولۇپ، يەمەندىكى بىر
تۈركۈم بەدەۋىلەرنىڭ ئەگىشىشى نەتىجىسىدە ئۇنىڭ نوپۇزى خېلى كېڭەيگەن. بۇ
كاززاب ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ياردەملىشىشى بىلەن فەيرۇز ئەددەيلەمىي ۋە بىر
تۈركۈم مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدا  ھالاك بولغان. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭ ھەققىدە كۆرگەن چۈشى روياپقا چىقىپ، ئۇنىڭ شۆھرەت
ۋە نوپۇزى چاڭ - توزانغا ئايلانغان:

  
آ«كۆپۈك بولسا ئېقىپ تۈگەيدۇ، ئىنسانلارغا پايدىلىق نەرسە زېمىندا قېلىپ
قالىدۇ، ئاللاھ مىساللارنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇآ». (سۈرە رەئد 17-
ئايەت).

  
پەيغەمبەرلىكنى دەۋا قىلغان كاززابلارنىڭ جۈملىسىدىن پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام سەقىب قەبىلىسىدىن چىقىدىغانلىقى بىلەن ئالدىن خەۋەر بەرگەن،
ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭ خەۋىرىنى رىۋايەت
قىلغان كەززابدۇر. ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئوغلى ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير
ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ھەججاج ئىبنى يۈسۈپ ئەسسەقەفىينىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە سەقىف قەبىلىسىدىن بىر كاززاب ۋە بىر زالىم
چىقىدىغانلىقى توغرىسىدا ھەدىس سۆزلەپ بەرگەن، كاززابنىڭ چىققانلىقىنى
كۆردۇق، ئەمما زالىم بولسا سېنى شۇ زالىمنىڭ ئۆزى دەپ قارايمەن" دېگەن.
(ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى).

  
ئىمام نەۋەۋى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى بۇ ھەدىسنى شەرھىلەپ مۇنداق دەيدۇ:
ئەسمانىڭ: "كاززابنىڭ چىققانلىقىنى كۆردۇق" دېگەن سۆزىدىن مۇختار ئىبنى
ئەبۇ ئوبەيد ئەسسەقەفىينى مەقسەت قىلغان. ئۇ ئوچىغا چىققان يالغانچىلاردىن
بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ قەبىھ يالغانچىلىقىنىڭ بىرى، ئۇ يېنىغا جىبرىئىل
ئەلەيھىسسالامنىڭ كېلىپ تۇرىدىغانلىقىنى دەۋا قىلاتتى. ئۆلىمالار بۇ
ھەدىستىكى كەززابتىن مۇختار ئىبنى ئەبۇ ئوبەيد ئەسسەقەفىي، زالىمدىن ھەججاج
ئىبنى يۈسۈپ ئەسسەقەفىي كۆزدە توتىلىدىغانلىقىدا بىرلىككە كەلگەن.

   تابىئىنلەردىن رىفائە ئىبنى شەدداد بىزگە مۇختار كاززابنىڭ خەۋەرلىرىدىن نەقىل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "بىر
كۈنى مۇختار كاززابنىڭ ئۆيىگە كىرگەنىدىم، ئۇ: ئاللاھ بىلەن قەسەم
قىلىمەنكى، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام بۇ ئورۇندۇقتىن قوپۇپ كېتىشىگىلا سىز
كىردىڭىز دېدى. مەن بۇ كەززابنى ئۆلتۈرۈۋېتىش ئۈچۈن قولۇمنى قىلىچقا
ئۇزاتتىم، بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: "ئىشەنچ قىلىپ (ئۆيگە
باشلىغان) ئادەمنى ئۆلتۈرگەن قاتىلغا قىيامەت كۈنى خىيانەت بايرىقى
تىكلىنىدۇ" دېگەن ھەدىسىنى ئىسىمگە ئېلىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىش نىيىتىمدىن
يانغانىدىم".

  
مۇختار ئىبنى ئەبۇ ئوبەيد ۋە ھەججاج ئىبنى يۈسۈپ ئەسسەقەفىيلار پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنىڭ خەۋەر بەرگىنىدەك بىرى يالغانچىلىق، يەنە بىرى زالىملىق
سۈپىتى بىلەن سەقىف قەبىلىسىدىن چىققانلاردۇر. بۇ پەقەت غەيبلەرنى بىلگۈچى
پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبىرىگەئالدىن بىلدۈرگەن ۋەھيى خەۋىرىدۇر.

  
ئۇلارغا ئوخشاش كاززابلار يەنە چىقىپ تۇرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
مۇنداق دېگەن: "زامان ئاخىرىدا يالغانچى دەججاللار چىقىدۇ، ئۇلار سىلەر ۋە
ئاتىلىرىڭلار ئاڭلىمىغان سۆزلەر بىلەن چىقىدۇ، ئۇلاردىن ھەزەر قىلىڭلار،
سىلەرنى ئازدۇرۇپ پىتنىگە تاشلىمىسۇن". (مۇسلىم رىۋايىتى).

  
قەبىھ سۆزلەرنى قىلغان دەججاللارنىڭ جۈملىسىدىن بىر قانچە ئەسىر ئىلگىرى
ھىندىستاندا چىققان كاززاب مىرزا غۇلام ئەھمەد ئەلقادىيانى بولۇپ، ئۇ
دەسلەپتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى رەت قىلىشقا باشلىغان،
كېيىن پەيغەمبەرلىكنى دەۋا قىلغان.

  
مىقداد ئىبنى مەدىي كەرب رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
بۇ ھارامزەدىنىڭ ئازغۇنلىقىدىن خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئاگاھ
بولۇڭلاركى، ماڭا قۇرئان ۋە قۇرئاننىڭ ئۈخشىشى (يەنى ھەدىس) بېرىلدى. راھەت
- پاراغەت ئىچىدە كارىۋىتى ئۈستىدە ئولتۇرۇپ: بۇ قۇرئانغىلا ئەمەل
قىلىڭلار، ئۇنىڭدىكى ھالالنى ھالال، ھارامنى ھارام دەپ بىلىڭلار،
دەيدىغانلىقى يېقىندۇر". (ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى).

  
مۇبارەكفورى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىس پەيغەمبەرلىك
دەلىللىرىدىن بىر دەلىل ۋە ئۇنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىر ئالامەتتۇر. پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرى ھەقىقەتەن ھەق ۋە راست چىقتى،
ھىندىستاندىكى پەنجابدىن ئۆزىنى ئەھلى قۇرئان دەپ ئاتىۋالغان بىر ئادەم
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بارلىق ھەدىسلىرىغا تىل ئۇزۇتۇپ: بۇلار ئاللاھ
تائالا نامىدىن تۇقۇلغان يالغان سۆزلەردۇر. ھەدىسلەر ھەر قانچە سەھىھ،
مۇتىۋاتىر (راۋىلىرى بىر - بىرىگە تۇتاشقان) بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا
ئەمەل قىلىنمايدۇ، قۇرئان كەرىمگىلا ئەمەل قىلىش كۇپايە قىلىدۇ، دېگەن"

  
مانا بۇلار، ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىنىڭ راستچىللىقىغا دەلىل - ئىسپات
قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبىرىنى ئالدىن ئەلا خەۋەردار قىلغان غەيبىي خەۋەرلەرنىڭ
جۈملىسىدىن بولۇپ، ھەدىس شەرىپتە زىكرى قىلىنغان غەيبىي مۆجىزىلەردىن
ھېسابلىنىدۇ.

 

  تەييارلىغۇچى    :ئوبۇلقاسىم ئەھمەدى

ئەسلىدە ئېلان قىلىنغان mercyprophet.org

داۋاملىق ئوقۇڭ

  1. سەفا ۋە مەرۋىنىڭ ئارىسىنى سەئى قىلىپ مېڭىش ھەجنىڭ بىر روكنىدۇر

    سەفا ۋە مەرۋىنىڭ ئارىسىنى سەئى قىلىپ مېڭىش ھەجنىڭ بىر روكنىدۇر. لىكىن قۇرئاننىڭ ئايىتىدىكى )ھېچ باك يوق( دېگەن سۆزدىن بەزى ساھابىلەر بۇ سەئى قىلىش زۆرۈر ئەمەس بولسا كېرەك دېگەن گۇمان پەيدا بولغان ئىدى.

  2. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغاندا يۈز بەرگەن پەۋقۇلئاددە ۋەقەلەر ھەققىدىكى رىۋايەتلەرگە نەزەر

    ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى 1. پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسى ۋە ۋەھيدىن باشقا ئىشلاردا بىزگە ئوخشاشلا نورمال ئىنسان. 2…

  3. پەيغەمبىرىمىزنىڭ تۇنجى خۇتبىسى

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىرقچىلىققا قارشى ئەڭ گۈزەل سۆزلىرى بولغان مەشھۇر ۋىدا خۇتبىسىدىن خەۋىرى يوقلار بولمىسا كېرەك. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇنجى خۇتبىسىدە نېمىلەرنى ئېيتقانلىقىنى بىلىدىغانلار بارمۇ؟ بىر…

  4. ھەق پەيغەمبەرلىككە شاھىتلار

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە شاھىت بولىدىغان ئىلمىي ھەقىقەتلەر - جىمى ھەمدۇ سانالەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، قۇرئان كەرىمنى ئۆزىگە ئەخلاق قىلغان كىشىگە دۇرۇت ۋە سالاملار…

  5. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياشلارغا قانداق مۇئامىلە قىلاتتى؟ (2)

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك دوستلار! بۇ تىمىنىڭ بىرىنجى بۆلۈمىنى دىققىتىڭلارغا سۇنغان ۋە سىز ئىلىم سۆيەر قېرىنداشلىرىمنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. بۈگۈن سىلەرگە ئىككىنچى بۆلۈمىنى سۇنىمەن.1-ياشلارنى قەدىرلەش: قەدىرلەشنىڭ…

تۈرنى قوللاش ئۈچۈن بىزگە يېزىڭ