تخطَّ إلى المحتوى
انتقل إلى المحتوى

بۇ ئارخىپ ھەقسىز، ئوقۇرمەنلەرنىڭ قوللىشى بىلەن ئىشلەيدۇ.

ئىئانە

دۇنيادىكى ئەڭ تۆۋەن رايون

ئۇيغۇرچە3 مىنۇتلۇق ئوقۇش

دۇنيادىكى ئەڭ تۆۋەن رايون
قۇرئان
كەرىمنىڭ رىملار بىلەن ئىرانلىقلار ھەققىدە نازىل بولغان بىر قانچە
ئايەتلىرى بەزى مۇشرىكلەرنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىغا سەۋەب بولغانىدى. قەدىمكى
رىملىقلار بىلەن ئىرانلىقلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇشتا ئوتقا
چوقۇنىدىغان ئىرانلىقلار كىتاپ ئەھلى بولغان رىملىقلار ئۈستىدىن غەلىبە
قىلغانىدى. كىتاپ ئەھلى بولغان رىملىقلارنىڭ مەغلۇپ بولۇپ، ئوتقا
چوقۇنىدىغان ئىرانلىقلارنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىدىن بۇتقا چوقۇنىدىغان مەككە
مۇشرىكلىرى خۇشال بولغان، مۇسۇلمانلار قاتتىق قايغۇرغان. شۇنىڭ بىلەن
ئاللاھ مۇسۇلمانلارنىڭ قايغۇسىغا تەسەللى، مۇشرىكلەرنىڭ خۇشاللىقىغا
رەددىيە بېرىپ، بۇ ئايەتلەرنى نازىل قىلغان: {رىملىقلار يېقىن بىر جايدا
يېڭىلدى، ئۇلار يېڭىلگەندىن كېيىن بىر قانچە يىل ئىچىدە يېڭىدۇ. ئىلگىرى ۋە
كېيىن ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشىدىدۇر، بۇ كۈندە مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ
بەرگەن ياردىمى بىلەن خۇشال بولىدۇ, ئاللاھ خالىغان كىشىگە ياردەم بېرىدۇ،
ئاللاھ غالىبتۇر، (مۆمىنلەرگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر. ئاللاھ (ئۇلارنى
غالىب قىلىدىغانلىقىنى) ۋەدە قىلدى. ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ
(چۈنكى ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، سۆزى راستتۇر)، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى
(بۇنى) بىلمەيدۇ. ئۇلار ھاياتىي دۇنيا نىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنىلا بىلىدۇ،
ئۇلار ئاخىرەتتىن (يەنى ئاخىرەت ئىشىدا ئويلىنىشتىن ۋە ئاخىرەت ئۈچۈن
ئىشلەشتىن) غەپلەتتىدۇر}. (رۇم سۈرىسى 2- 7).

بۇ
ئايەتلەر نازىل بولغان ۋاقىتتا كاپىرلارنىڭ بىرسى ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىنىڭ
يېنىغا كېلىپ، ئى ئەبۇ بەكرى! مۇھەممەدنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىڭمۇ؟
دېگەندە، ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى: ھە، ئۇ نېمە دەپتۇ؟ دەيدۇ. ھېلىقى كاپىر:
ئۇ، رىملىقلار ئىرانلىقلارنى يېڭىدۇ، دەۋاتىدۇ، دېگەندە، ھەزرىتى ئەبۇ
بەكرى: ئۇ راست ئېيتىدۇ، دەيدۇ. بۇ ئايەتلەر نازىل بولۇپ يەتتە يىلدىن
كېيىن يەنى ھۇدەيبىيە سۈلھىسى تۈزۈلگەن يىلى رىملىقلار بىلەن ئىرانلىقلار
ئوتتۇرىسىدا يەنە كەسكىن ئۇرۇش باشلىنىپ، بۇ ئۇرۇشتا ئاللاھ تائالانىڭ
خەۋەر قىلغىنىدەك، رىملىقلار ئىرانلىقلارنى يېڭىدۇ. مۇسۇلمانلار
رىملىقلارنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىدىن خۇشال بولىشىدۇ. بۇ قۇرئان كەرىم خەۋەر
بېرىپ يەتتە يىلدىن كېيىن روياپقا چىققان، ئىلگىرىكىلەر ئۆز كۆزلىرى بىلەن
كۆرگەن مۆجىزە ئىدى. كېيىن مۇسۇلمان بولغانلار نىڭ بەزىلىرى: بۇ ئەھۋالدىن
ئالدىن خەۋەر بەرگەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەقلى ھوشى جايىدا، ئۇ
ھەرگىز مەككە مۇشرىكلىرى چىدىماسلىق قىلىپ قارلىغىنىدەك، ساراڭ ئەمەس ئىدى.
ھەقىقەتەن ئۇ قاتتىق مەغلۇب بولۇپ ۋەيران بولۇش ئالدىدا تۇرغان بىر
دۆلەتنىڭ غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىپ، دىنىنى، كېلىچىكىنى،
ئىسلامنى گۆرۈگە قويغانىدى. چۈنكى ئۇ بۇ ئىشلارنىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن
يېقىن بىر زاماننى بەلگىلىگەنىدى. ئەگەر رىملىقلار ئون يىل ئىچىدە غەلىبە
قىلالمىغان بولسا ئىسلام، قۇرئان، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پۈتۈنلەي
تۈگەشكەن بولاتتى! لېكىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇلارنىڭ ھەممىسىنى دوغا
تىكىپ، بۇ خەۋەرنى جەزملەشتۈردى. ئەمەلىيەتتە يەتتى يىلدىن كېيىن بۇ ئىش ئۇ
خەۋەر بەرگەن بويىچە روياپقا چىقتى، دېيىشكەن. ھەقىقەتەن بۇ ئىنسان
تەرىپىدىن بېرىلگەن خەۋەر ئەمەس ئىدى! بۇ پەقەت پۈتۈن ئىنسانىيەتكە
ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان زاتنىڭ ئالدىن بەرگەن خەۋىرى ئىدى. شۇڭا ئۇلار بۇ
ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىپ، ئىسلام دىنىغا كىردى.

شەيخ
ئابدۇلمىجىت زىندانى مۇنداق دەيدۇ: ئامېرىكىدىكى گىئولوگىيە ئىلىملىرى
ئۇستازلىرىنىڭ بىرى بولغان پروفېسسور بالما بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. ئۇ
ئامېرىكىدىكى گىئولوگىيە ئالىملىرىنىڭ ئەڭ كاتتىلىرىدىن بولۇپ، يەمەنگە
زىيارەتكە كەلگەنىدى، ئۇ يەر يۈزىدىكى ئەڭ ئېگىز ۋە ئەڭ تۆۋەن جايلار
ئىنچىكىلىك بىلەن ھېسابلاپ چىقىلغان خەرىتىنى بىرگە ئېلىپ كەلگەنىدى. ئۇ
ئولتۇرغاندىن كېيىن مەن ئۇنىڭغا: قۇرئان كەرىمدە بىر ئايەت بولۇپ، بۇ ئايەت
ئىلگىرى ئۇرۇش بولغان ئېرۇسالىم رايونىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ تۆۋەن
ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «فى ئەدنەلئەرزى» دېدى. "ئەدنا" دېگەن سۆزلۈك
ئەڭ يېقىن ۋە ئەڭ تۆۋەن دېگەن ئىككى مەنىدە كېلىدۇ. ئىلگىركى
تەپسىرشۇناسلار ئەۋەلقى مەنىنى ئېلىپ، "يېقىن بىر جايدا" دەپ تەپسىر
قىلىشتى لېكىن بۇ ئايەت "ئەڭ تۆۋەن" دېگەن ئىككىنچى مەنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە
ئالىدۇ. مېنىڭ بىلىشىمچە، ئىلگىرى رىملىقلار بىلەن ئىرانلىقلار ئوتتۇرىسىدا
ئۇرۇش يۈز بەرگەن ئېرۇسالىم رايونى دۇنيادىكى ئەڭ تۆۋەن رايوندۇر، دېدىم.
مەن ئۇ ئالىمنىڭمۇ شۇنداق دېيىشىنى ئۈمىت قىلغانىدىم. ئەپسۇسكى ئۇ، بۇنىڭ
قۇرئان كەرىمدىن ئىكەنلىكىنى بىلىپ: ئۇ زېمىندىكى ئەڭ تۆۋەن جاي ئەمەس!
گوللاندىيە ۋە باشقىمۇ جايلاردا ئەڭ تۆۋەن جايلار بار، دەپ دۇنيادىكى تۆۋەن
جايلارنى تىلغا ئېلىشقا باشلىدى. مەن يەنە: چوقۇمكى، ئېرۇسالىم رايونى
دۇنيادىكى ئەڭ تۆۋەن جايدۇر، دېدىم. ئۇ مېنىڭ جەزملەشتۈرگەنلىكىمدىن ھەيران
قىلىپ: مانا ئالدىڭىزدا دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز ۋە ئەڭ تۆۋەن جايلارنىڭ
خەرىتىسى تۇرۇپتۇ، دەپ ئۇنى ناھايىتى تىزلىك بىلەن ئايلاندۇرۇشقا باشلىدى.
بۇ جەرياندا ئۇ ئۇشتۇمتۇت ئېرۇسالىم رايونىنىڭ ئاستىدىكى ناھايىتى ئۇچۇق
يېزىلغان "دۇنيادىكى ئەڭ تۆۋەن رايون" دېگەن خەتنى كۆرۈپ: توغرا! سىز
ئېيتقاندەك، ئېرۇسالىم دۇنيادىكى ئەڭ تۆۋەن جاي ئىكەن، دېدى.. مانا بۇ
قۇرئان كەرىم بارلىق شەيئىلەرنى قورشاپ تۇرغان زات نازىل بولغان كىتابتۇر!

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى.

ئېلىنغان مەنبە: شەيخ ئابدۇلمىجىت زىندانىنىڭ "بۇ ئىماننىڭ دەۋرىدۇر" دېگەن كىتابى.

ئەسلىدە ئېلان قىلىنغان mercyprophet.org

داۋاملىق ئوقۇڭ

  1. سەفا ۋە مەرۋىنىڭ ئارىسىنى سەئى قىلىپ مېڭىش ھەجنىڭ بىر روكنىدۇر

    سەفا ۋە مەرۋىنىڭ ئارىسىنى سەئى قىلىپ مېڭىش ھەجنىڭ بىر روكنىدۇر. لىكىن قۇرئاننىڭ ئايىتىدىكى )ھېچ باك يوق( دېگەن سۆزدىن بەزى ساھابىلەر بۇ سەئى قىلىش زۆرۈر ئەمەس بولسا كېرەك دېگەن گۇمان پەيدا بولغان ئىدى.

  2. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغاندا يۈز بەرگەن پەۋقۇلئاددە ۋەقەلەر ھەققىدىكى رىۋايەتلەرگە نەزەر

    ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى 1. پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسى ۋە ۋەھيدىن باشقا ئىشلاردا بىزگە ئوخشاشلا نورمال ئىنسان. 2…

  3. پەيغەمبىرىمىزنىڭ تۇنجى خۇتبىسى

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىرقچىلىققا قارشى ئەڭ گۈزەل سۆزلىرى بولغان مەشھۇر ۋىدا خۇتبىسىدىن خەۋىرى يوقلار بولمىسا كېرەك. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇنجى خۇتبىسىدە نېمىلەرنى ئېيتقانلىقىنى بىلىدىغانلار بارمۇ؟ بىر…

  4. ھەق پەيغەمبەرلىككە شاھىتلار

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە شاھىت بولىدىغان ئىلمىي ھەقىقەتلەر - جىمى ھەمدۇ سانالەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، قۇرئان كەرىمنى ئۆزىگە ئەخلاق قىلغان كىشىگە دۇرۇت ۋە سالاملار…

  5. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياشلارغا قانداق مۇئامىلە قىلاتتى؟ (2)

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك دوستلار! بۇ تىمىنىڭ بىرىنجى بۆلۈمىنى دىققىتىڭلارغا سۇنغان ۋە سىز ئىلىم سۆيەر قېرىنداشلىرىمنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. بۈگۈن سىلەرگە ئىككىنچى بۆلۈمىنى سۇنىمەن.1-ياشلارنى قەدىرلەش: قەدىرلەشنىڭ…

تۈرنى قوللاش ئۈچۈن بىزگە يېزىڭ