تخطَّ إلى المحتوى
انتقل إلى المحتوى

بۇ ئارخىپ ھەقسىز، ئوقۇرمەنلەرنىڭ قوللىشى بىلەن ئىشلەيدۇ.

ئىئانە

ھاجەت نامىزىنىڭ دۇئاسى

ئۇيغۇرچە1 مىنۇتلۇق ئوقۇش

ھاجەت نامىزىنىڭ دۇئاسى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھقا ياكى ئىنسانلاردىن بىرەرسىگە ھاجىتى بولغان ئادەم، ياخشى تاھارەت ئېلىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇسۇن، ئاندىن ئاللاھقا ھەمدۇ سانا، پەيغەمبەرگە دۇرۇد ئېيتسۇن ۋە مۇنۇ دۇئانى ئوقۇسۇن: لاَ إلَهَ إلاّ اللهُ الْحَلِيْمُ الكَرِيْمُ، سُبْحَانَ الله رَبِّ العَرْشِ العَظِيْمِ، وَالْحَمْدُ لله رَبِّ اْلعَالمَِيْنَ . اَسْاَلُكَ مُوْجِباَتِ رَحْمَتِكَ وَعَزَائِمِ مَغْفِرَتِكَ وَالْعِصْمَةَ مِنْ كُلِّ ذَنْبٍ والْغَنِيْمَةَ مِنْ كُلِّ بِرٍّ والسَّلاَمَةَ مِنْ كُلِّ اِثْمٍ ، اَللَّهُمَّ لاَتَدَعْ لَناَ ذَنْباً اِلاَّ غّفّرْتَهُ وَلاَ هَمّاً اِلاَّ فَرَّجْتَهُ وَلاَ حاَجَةً هِيَ لَكَ رِضاً اِلاَّ فَرَّجْتَهاَ ياَ اَرْحَمَ الرَاحِمِيْنَ. تەرجىمىسى: «ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ تولىمۇ ھەلىمدۇر، ئۇلۇغ ئەرشنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھ بارچە نوقسانلاردىن پاكتۇر. ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. ئى ئاللاھ! سېنىڭدىن سېنىڭ رەھمىتىڭگە ئېرىشتۈرىدىغان ئەمەلنى، مەغپىرىتىڭگە مۇيەسسەر قىلىدىغان تەۋبىنى، مېنى ھەر قانداق گۇناھتىن ساقلىشىڭنى، پۈتۈن ياخشىلىقلارغا ئېرىشتۈرىشىڭنى ۋە ھەرقانداق يامانلىقتىن ئامان قىلىشىڭنى تىلەيمەن. ئى ئاللاھ! مېنىڭ پۈتۈن گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن، بارلىق قىيىنچىلىقلىرىمنى ھەل قىلىپ بەرگىن ۋە سېنىڭ رازىلىقىڭغا ئېرىشىشىم ئۈچۈن تۈرتكە بولىدىغان ھەر قانداق ھاجەتلىرىمنى راۋا قىلىپ بەرگىن ئى رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ شەپقەتلىكى بولغان ئاللاھ!»ئاندىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلىرىغا ئائىت خالىغان ھاجەتلىرىنى سورايدۇ»([1]).  --------------------------------------------------------------------------------([1])      تىرمىزى، نەسائى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى.

ئەسلىدە ئېلان قىلىنغان mercyprophet.org

داۋاملىق ئوقۇڭ

  1. سەفا ۋە مەرۋىنىڭ ئارىسىنى سەئى قىلىپ مېڭىش ھەجنىڭ بىر روكنىدۇر

    سەفا ۋە مەرۋىنىڭ ئارىسىنى سەئى قىلىپ مېڭىش ھەجنىڭ بىر روكنىدۇر. لىكىن قۇرئاننىڭ ئايىتىدىكى )ھېچ باك يوق( دېگەن سۆزدىن بەزى ساھابىلەر بۇ سەئى قىلىش زۆرۈر ئەمەس بولسا كېرەك دېگەن گۇمان پەيدا بولغان ئىدى.

  2. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغاندا يۈز بەرگەن پەۋقۇلئاددە ۋەقەلەر ھەققىدىكى رىۋايەتلەرگە نەزەر

    ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى 1. پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسى ۋە ۋەھيدىن باشقا ئىشلاردا بىزگە ئوخشاشلا نورمال ئىنسان. 2…

  3. پەيغەمبىرىمىزنىڭ تۇنجى خۇتبىسى

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىرقچىلىققا قارشى ئەڭ گۈزەل سۆزلىرى بولغان مەشھۇر ۋىدا خۇتبىسىدىن خەۋىرى يوقلار بولمىسا كېرەك. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇنجى خۇتبىسىدە نېمىلەرنى ئېيتقانلىقىنى بىلىدىغانلار بارمۇ؟ بىر…

  4. ھەق پەيغەمبەرلىككە شاھىتلار

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە شاھىت بولىدىغان ئىلمىي ھەقىقەتلەر - جىمى ھەمدۇ سانالەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، قۇرئان كەرىمنى ئۆزىگە ئەخلاق قىلغان كىشىگە دۇرۇت ۋە سالاملار…

  5. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياشلارغا قانداق مۇئامىلە قىلاتتى؟ (2)

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك دوستلار! بۇ تىمىنىڭ بىرىنجى بۆلۈمىنى دىققىتىڭلارغا سۇنغان ۋە سىز ئىلىم سۆيەر قېرىنداشلىرىمنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. بۈگۈن سىلەرگە ئىككىنچى بۆلۈمىنى سۇنىمەن.1-ياشلارنى قەدىرلەش: قەدىرلەشنىڭ…

تۈرنى قوللاش ئۈچۈن بىزگە يېزىڭ