تخطَّ إلى المحتوى
انتقل إلى المحتوى

بۇ ئارخىپ ھەقسىز، ئوقۇرمەنلەرنىڭ قوللىشى بىلەن ئىشلەيدۇ.

ئىئانە

تەھەججۇد ئوقۇغاندا ئوقۇلىدىغان دۇئا

ئۇيغۇرچە1 مىنۇتلۇق ئوقۇش

تەھەججۇد ئوقۇغاندا ئوقۇلىدىغان دۇئا

اللَّهُمَّ لَكَ الْحَمْدُ أَنْتَ قَيِّمُ السَّمَوَاتِ وَالأَرْضِ وَمَنْ فِيهِنَّ وَلَكَ الْحَمْدُ، لَكَ مُلْكُ السَّمَوَاتِ وَالأَرْضِ وَمَنْ فِيهِنَّ، وَلَكَ الْحَمْدُ أَنْتَ نُورُ السَّمَوَاتِ وَالأَرْضِ، وَلَكَ الْحَمْدُ أَنْتَ الْحَقُّ، وَوَعْدُكَ الْحَقُّ ، وَلِقَاؤُكَ حَقٌّ، وَقَوْلُكَ حَقٌّ، وَالْجَنَّةُ حَقٌّ، وَالنَّارُ حَقٌّ، وَالنَّبِيُّونَ حَقٌّ ، وَمُحَمَّدٌ - صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ - حَقٌّ، وَالسَّاعَةُ حَقٌّ، اللَّهُمَّ لَكَ أَسْلَمْتُ، وَبِكَ آمَنْتُ وَعَلَيْكَ تَوَكَّلْتُ، وَإِلَيْكَ أَنَبْتُ، وَبِكَ خَاصَمْتُ، وَإِلَيْكَ حَاكَمْتُ، فَاغْفِرْ لِى مَا قَدَّمْتُ وَمَا أَخَّرْتُ، وَمَا أَسْرَرْتُ وَمَا أَعْلَنْتُ، أَنْتَ الْمُقَدِّمُ وَأَنْتَ الْمُؤَخِّرُ، لاَ إِلَهَ إِلاَّ أَنْتَ.تەرجىمىسى: «ئى ئاللاھ! جىمى ھەمدۇ سانا ساڭا خاستۇر، سەن ئاسمان ـ زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكىلەرنى باشقۇرۇپ تۇرغۇچىسەن. جىمى ھەمدۇ سانا ساڭا خاستۇر، سەن ئاسمان ـ زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكىلەرنىڭ پادىشاھىسەن. جىمى ھەمدۇ سانا ساڭا خاستۇر، سەن ئاسمان ـ زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكىلەرنىڭ نۇرىسەن. جىمى ھەمدۇ سانا ساڭا خاستۇر، سەن ھەقسەن، ۋەدىلىرىڭ ھەق، سۆزۈڭ ھەق، سەن بىلەن ئۇچرىشىشىمىز ھەق، جەننەت ھەق، دۇزاخ ھەق، قىيامەت ھەق، پەيغەمبەرلەر ھەق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەقتۇر. ئى ئاللاھ! ساڭا بويسۇندۇم، ساڭا يۆلەندىم، ساڭا ئىمان كەلتۈردۈم، ساڭا قايتتىم، سېنىڭ ئۈچۈن دەۋالاشتىم ۋە ئىشلىرىمنى ساڭا تاپشۇردۇم، ئىلگىرى قىلغان ۋە كېيىن قىلغان، ئاشكارا قىلغان ۋە يوشۇرۇن قىلغان جىمى گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن. سېنىڭ باشلىنىشىڭ يوق، سەن مەڭگۈلۈكسەن، سەندىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقتۇر»([1]). --------------------------------------------------------------------------------([1])      ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

ئەسلىدە ئېلان قىلىنغان mercyprophet.org

داۋاملىق ئوقۇڭ

  1. سەفا ۋە مەرۋىنىڭ ئارىسىنى سەئى قىلىپ مېڭىش ھەجنىڭ بىر روكنىدۇر

    سەفا ۋە مەرۋىنىڭ ئارىسىنى سەئى قىلىپ مېڭىش ھەجنىڭ بىر روكنىدۇر. لىكىن قۇرئاننىڭ ئايىتىدىكى )ھېچ باك يوق( دېگەن سۆزدىن بەزى ساھابىلەر بۇ سەئى قىلىش زۆرۈر ئەمەس بولسا كېرەك دېگەن گۇمان پەيدا بولغان ئىدى.

  2. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغاندا يۈز بەرگەن پەۋقۇلئاددە ۋەقەلەر ھەققىدىكى رىۋايەتلەرگە نەزەر

    ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى 1. پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسى ۋە ۋەھيدىن باشقا ئىشلاردا بىزگە ئوخشاشلا نورمال ئىنسان. 2…

  3. پەيغەمبىرىمىزنىڭ تۇنجى خۇتبىسى

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىرقچىلىققا قارشى ئەڭ گۈزەل سۆزلىرى بولغان مەشھۇر ۋىدا خۇتبىسىدىن خەۋىرى يوقلار بولمىسا كېرەك. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇنجى خۇتبىسىدە نېمىلەرنى ئېيتقانلىقىنى بىلىدىغانلار بارمۇ؟ بىر…

  4. ھەق پەيغەمبەرلىككە شاھىتلار

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە شاھىت بولىدىغان ئىلمىي ھەقىقەتلەر - جىمى ھەمدۇ سانالەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، قۇرئان كەرىمنى ئۆزىگە ئەخلاق قىلغان كىشىگە دۇرۇت ۋە سالاملار…

  5. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياشلارغا قانداق مۇئامىلە قىلاتتى؟ (2)

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك دوستلار! بۇ تىمىنىڭ بىرىنجى بۆلۈمىنى دىققىتىڭلارغا سۇنغان ۋە سىز ئىلىم سۆيەر قېرىنداشلىرىمنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. بۈگۈن سىلەرگە ئىككىنچى بۆلۈمىنى سۇنىمەن.1-ياشلارنى قەدىرلەش: قەدىرلەشنىڭ…

تۈرنى قوللاش ئۈچۈن بىزگە يېزىڭ