تخطَّ إلى المحتوى
انتقل إلى المحتوى

بۇ ئارخىپ ھەقسىز، ئوقۇرمەنلەرنىڭ قوللىشى بىلەن ئىشلەيدۇ.

ئىئانە

مېۋىنىڭ دەسلىپىنى كۆرگەندە ئوقۇلىدىغان دۇئا

ئۇيغۇرچە2 مىنۇتلۇق ئوقۇش

مېۋىنىڭ دەسلىپىنى كۆرگەندە ئوقۇلىدىغان دۇئا

مېۋىنىڭ دەسلىپىنى كۆرگەندە ئوقۇلىدىغان دۇئااللَّهُمَّ بَارِكْ لَنَا فِى ثَمَرِنَا وَبَارِكْ لَنَا فِى مَدِينَتِنَا وَبَارِكْ لَنَا فِى صَاعِنَا وَبَارِكْ لَنَا فِى مُدِّنَا.تەرجىمىسى: آ«ئى ئاللاھ! بىزگە مېۋىلىرىمىزدە بەرىكەت ئاتا قىلغىن، بىزگە يۇرتىمىزنى باياشات قىلىپ بەرگىن، بىزگە سالىرىمىز(ئۆلچەم بىرلىكىمىز)دا بەرىكەت بەرگىن، بىزگە مۇدلىرىمىز (ئۆلچەم بىرلىكىمىز)دا بەرىكەت بەرگىنآ»([1]).ئەينەككە قارىغاندا ئوقۇلىدىغان دۇئااَلَّلهُمَّ أَحْسَنْتَ خَلْقِي فَأَحْسِنْ خُلُقِي.تەرجىمىسى: آ«ئى ئاللاھ! مېنى چىرايلىق ياراتقىنىڭدەك ئەخلاقىمنىمۇ گۈزەل قىلغىنآ»([2]).بېرەر مۇسۇلماننىڭ كۈلگەنلىكىنى كۆرگەندە ئوقۇلىدىغان دۇئاأَضْحَكَ اللَّهُ سِنَّكَ.تەرجىمىسى: آ«ئاللاھ سىزنى ھەمىشە مۇشۇنداق خۇشال قىلسۇنآ»([3]).بىراۋ آ«سىزنى ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرىمەنآ» دېگەندە دېيىلىدىغان دۇئاأَحَبَّكَ الَّذيِ أَحْبَبْتَنِي لَهُ.تەرجىمىسى: آ«سىز مېنى ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى كۆرگەن زات(ئاللاھ) سىزنىمۇ ياخشى كۆرگەيآ»([4]).تىنچ قوپۇپسىزمۇ؟ دېيىلگەندە دېيىلىدىغان دۇئاأَصْبَحْتُ بِخَيْرٍ أَحْمَدُ اللَّهَ.تەرجىمىسى: آ«ياخشى تۇردۇم، ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىمەنآ»([5]).چۈشكۈرگەندە دېيىلىدىغان دۇئاپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: آ«سىلەردىن بىرىڭلار چۈشكۈرگەندە، (اَلْحَمْدُ لِلَّهِ - ئاللاھقا شۈكۈر) دېسۇن، بۇنى ئاڭلىغان كىشى، (يَرْحَمُكَ اللَّهُ - ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلسۇن) دېگەندە، چۈشكۈرگۈچى ئۇنىڭغا، (يَهْدِيكُمُ اللَّهُ وَيُصْلِحُ بَالَكُمْ - ئاللاھ سىلەرنى ھىدايەت قىلسۇن ۋە ھالىڭلارنى ياخشىلىسۇن) دېسۇنآ»([6]).بېرەر ئاغرىققا دۇچار بولغان كىشى قانداق قىلىشى كېرەك؟ئوسمان ئىبنى ئەبۇل ئاستىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ بەدىنىدىكى بىر ئاغرىقتىن دەرتلىنىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: آ«بەدىنىڭنىڭ ئاغرىغان يېرىگە قولۇڭنى قويۇپ تۇرۇپ: بِاسْمِ اللَّهِ - ئاللاھنىڭ نامى بىلەن...) نى ئۈچ قېتىم ئېيتقىن، ئاندىن، أَعُوذُ بِاللَّهِ وَقُدْرَتِهِ مِنْ شَرِّ مَا أَجِدُ وَأُحَاذِرُ - مەن ھېس قىلىۋاتقان ۋە ھەزەر قىلىۋاتقان ئاغرىقنىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھ تائالاغا ۋە ئۇنىڭ قۇدرىتىگە سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەنآ»دېگەننى يەتتە قېتىم ئوقۇغىنآ»([7]).بىرەر مۇسۇلماننىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ سالغاندا ئوقۇلىدىغان دۇئااَلَّلهُمَّ اغْفِرْ لَنَا وَلَهُ.تەرجىمىسى: آ«ئى ئاللاھ! بىزگە ۋە ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلغىنآ»([8]).قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئوقۇلىدىغان دۇئالاَ إِلٰهَ إِلاَّ اللَّهُ الْعَظِيْمُ الْحَلِيْمُ. لاَ إِلٰهَ إِلاَّ اللَّهُ رَبُّ الْعَرْشِ الْعَظِيْمِ. لاَ إِلٰهَ إِلاَّ اللّهُ رَبُّ السَّمَاوَاتِ وَرَبُّ الأَرْضِ وَرَبُّ الْعَرْشِ الْكَرِيْمِ.تەرجىمىسى: آ«ئاسىيلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان ئۇلۇغ ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوق، ئۇلۇغ ئەرشنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوق، ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلۇغ ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقتۇرآ»([9]).  --------------------------------------------------------------------------------([1])      ئىمام مۇسلىمرىۋايىتى.([2])      ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.([3])      ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.([4])      ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.([5])      ئىبنى ماجە رىۋايىتى.([6])      ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.([7])      ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.([8])      مىشكات شەرىفتىن.([9])      ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.

ئەسلىدە ئېلان قىلىنغان mercyprophet.org

داۋاملىق ئوقۇڭ

  1. سەفا ۋە مەرۋىنىڭ ئارىسىنى سەئى قىلىپ مېڭىش ھەجنىڭ بىر روكنىدۇر

    سەفا ۋە مەرۋىنىڭ ئارىسىنى سەئى قىلىپ مېڭىش ھەجنىڭ بىر روكنىدۇر. لىكىن قۇرئاننىڭ ئايىتىدىكى )ھېچ باك يوق( دېگەن سۆزدىن بەزى ساھابىلەر بۇ سەئى قىلىش زۆرۈر ئەمەس بولسا كېرەك دېگەن گۇمان پەيدا بولغان ئىدى.

  2. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغاندا يۈز بەرگەن پەۋقۇلئاددە ۋەقەلەر ھەققىدىكى رىۋايەتلەرگە نەزەر

    ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى 1. پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسى ۋە ۋەھيدىن باشقا ئىشلاردا بىزگە ئوخشاشلا نورمال ئىنسان. 2…

  3. پەيغەمبىرىمىزنىڭ تۇنجى خۇتبىسى

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىرقچىلىققا قارشى ئەڭ گۈزەل سۆزلىرى بولغان مەشھۇر ۋىدا خۇتبىسىدىن خەۋىرى يوقلار بولمىسا كېرەك. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇنجى خۇتبىسىدە نېمىلەرنى ئېيتقانلىقىنى بىلىدىغانلار بارمۇ؟ بىر…

  4. ھەق پەيغەمبەرلىككە شاھىتلار

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە شاھىت بولىدىغان ئىلمىي ھەقىقەتلەر - جىمى ھەمدۇ سانالەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، قۇرئان كەرىمنى ئۆزىگە ئەخلاق قىلغان كىشىگە دۇرۇت ۋە سالاملار…

  5. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياشلارغا قانداق مۇئامىلە قىلاتتى؟ (2)

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك دوستلار! بۇ تىمىنىڭ بىرىنجى بۆلۈمىنى دىققىتىڭلارغا سۇنغان ۋە سىز ئىلىم سۆيەر قېرىنداشلىرىمنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. بۈگۈن سىلەرگە ئىككىنچى بۆلۈمىنى سۇنىمەن.1-ياشلارنى قەدىرلەش: قەدىرلەشنىڭ…

تۈرنى قوللاش ئۈچۈن بىزگە يېزىڭ