تخطَّ إلى المحتوى
انتقل إلى المحتوى

بۇ ئارخىپ ھەقسىز، ئوقۇرمەنلەرنىڭ قوللىشى بىلەن ئىشلەيدۇ.

ئىئانە

غەم ـ قايغۇ باسقاندا ئوقۇلىدىغان دۇئا

ئۇيغۇرچە3 مىنۇتلۇق ئوقۇش

غەم ـ قايغۇ باسقاندا ئوقۇلىدىغان دۇئا

غەم ـ قايغۇ باسقاندا ئوقۇلىدىغان دۇئا1. اَللَّهُمَّ إِنِّي عَبْدُكَ وَابْنُ عَبْدِكَ وَابْنُ أَمَتِكَ نَاصِيَتِي بِيَدِكَ، مَاضٍ فِيَّ حُكْمُكَ، عَدْلٌ فِيَّ قَضَاؤُكَ، أَسْأَلُكَ بِكُلِّ اسْمٍ هُوَ لَكَ، سَمَّيْتَ بِهِ نَفْسَكَ، أَوْ أَنْزَلْتَهُ فِي كِتَابِكَ، أَوْ عَلَّمْتَهُ أَحَداً مِنْ خَلْقِكَ، أَوْ اِسْتَأثَرْتَ بِهِ فِي عِلْمِ الْغَيْبِ عِنْدَكَ، أَنْ تَجْعَلَ الْقُرْآنَ رَبِيْعَ قَلْبِي وَنُوْرَ صَدْرِي وَجَلاَءِ حُزْنِي َوذِهَابَ هَمِّي.تەرجىمىسى: آ«ئى ئاللاھ! مەن سېنىڭ قۇلۇڭمەن، قۇلۇڭنىڭ ۋە دېدىكىڭنىڭ ئوغلىمەن، تەقدىرىم سېنىڭ قولۇڭدىدۇر. مېنىڭ ئۈچۈن تەقدىر قىلغانلىرىڭ ھەر زامان يۈرگۈچى ۋە ئادالەتنىڭ ئۆزىدۇر. ئى ئاللاھ! ئۆزۈڭ  شۇنداق ئاتىغان ياكى كىتابىڭ ئارقىلىق چۈشۈرگەن ياكى بەندىلىرىڭدىن بېرەرسىگە بىلدۈرگەن ياكى ئۆز دەرگاھىڭدىكى غەيبلەر قاتارىدا بىزلەرگە بىلدۈرمىگەن بارچە ئىسىملىرىڭنى ۋاسىتە قىلىپ سەندىن قۇرئان كەرىمنى كۆڭلۈمنىڭ باھارى، قەلبىمنىڭ نۇرى، قايغۇلىرىمنى يوق قىلغۇچى ۋە ئەندىشىلىرىمنى كەتكۈزگۈچى قىلىشىڭنى سورايمەنآ»([1]).2. اَللَّهُمَّ إِنِّي أَعُوْذُ بِكَ مِنَ الْهَمِّ وَالْحَزَنِ، وَالْعَجْزِ وَالْكَسَلِ، وَالْبُخْلِ وَالْجُبْنِ، وَضَلَعِ الدَّيْنِ وَغلَبَةِ الرِّجَالِ.تەرجىمىسى: آ«ئى ئاللاھ! ساڭا سېغىنىپ، غەم ـ قايغۇدىن، ئاجىزلىقتىن، ھورۇنلۇقتىن، بېخىللىقتىن، قورقۇنچاقلىقتىن، قەرزدارلىقتن ۋە كىشىلەرنىڭ قەھرىدىن پاناھ تىلەيمەنآ»([2]).  دۈشمەنگە يولۇققاندا  ئوقۇلىدىغان دۇئااَللَّهُمَّ إِنَّا نَجْعَلُكَ في نُحُورِهِمْ وَنَعُوذُ بِكَ مِنْ شُرُورِهِمْ.تەرجىمىسى: آ«ئى ئاللاھ! ئۇلارنى سېنىڭ جازايىڭغا تاپشۇردۇق، ساڭا سېغىنىپ ئۇلارنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمىزآ»([3]).خەۋپ ياكى تەھدىدكە ئۇچرىغاندا ئوقۇلىدىغان دۇئاحَسْبُنَا اللهُ وَنِعْمَ الْوَكِيلُ (ئۈچ قېتىم).تەرجىمىسى: آ«ئاللاھ بىزگە كۇپايە، ئۇ ئەڭ ياخشى مەدەتكاردۇرآ»([4]). دۈشمەنگە قارشى ئوقۇلىدىغان دۇئا1. اَللَّهُمَّ مُنْزِلَ الكِتَابِ، سَرِيعَ الحِسَابِ، اهْزِمْهُمْ وزَلْزِلْهُمْ.تەرجىمىسى: آ«ئى كىتابنى چۈشۈرگۈچى، ھېسابنى تېز ئالغۇچى ئاللاھ!  دۈشمەنلىرىمىزنى  مەغلۇب قىلغىن ۋە ئۇلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتكىنآ»([5]). 2 . اللَّهُمَّ مُنْزِلَ الْكِتَابِ وَمُجْرِىَ السَّحَابِ وَهَازِمَ الأَحْزَابِ، اهْزِمْهُمْ وَانْصُرْناَ عَلَيْهِمْ.تەرجىمىسى: آ«ئى كىتابنى چۈشۈرگۈچى، بۇلۇتلارنى يۈرگۈزگۈچى ۋە بىرلەشكەن دۈشمەننى يەڭگۈچى ئاللاھ! ئۇلارنى يەڭگىن ۋە ئۇلار ئۈستىدىن بىزگە غەلىبە ئاتا قىلغىنآ»([6]).ئىمانىدا شەك پەيدا بولۇپ قالغان كىشى قانداق قىلىشى كېرەك؟1. آ«ئاللاھقا سىغنىپ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن پاناھ تىلەيدۇآ»([7]). 2. آ«شەك قىلغان نەرسىسىدىن توختايدۇآ»([8]). 3. آ«‹ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈردۈم› دەپ ئىمانىنى يېڭىلايدۇآ»([9]).قىيىن ئىشقا دۇچ كەلگەندە ئوقۇلىدىغان دۇئااَللَّهُمَّ لاَ سَهْلَ إِلاَّ مَا جَعَلْتَهُ سَهْلًا، وَأَنْتَ تَجْعَلُ الْحَزْنَ سَهْلاً إِذَا شِئْتَ.تەرجىمىسى: آ«ئى ئاللاھ! سەن ئاسان قىلمىغىچە ئاسانلىق يوق، سەن خالىساڭ قىيىنچىلىقنى ئۇڭايلىققا ئۆرۈپ بېرىسەنآ»([10]).غەزەبنى قانداق يېڭىش كېرەك؟أعُوذُ بِاللهِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيْمِ.تەرجىمىسى: آ«ئاللاھقا سېغىنىپ قوغلاندى شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەنآ»([11]). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككى ئادەمنىڭ ئۆزئارا جېدەللىشىپ غەزەبتىن يۈزلىرى قىزىرىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ مۇنداق دېگەن: آ«مەن ئۇلارنى غەزەبتىن قايتۇرىدىغان بىر سۆزنى بىلىمەنكى، ئەگەر ئۇلار: أعُوذُ بِاللهِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيْمِ. دېسە ئىدى، ئاچچىقلىرى يېنىپ كەتكەن بولاتتىآ»([12]). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: آ«غەزەب شەيتاندىندۇر. شەيتان ئوتتىن يارىتىلغان. ئوتنى پەقەت سۇ بىلەنلا ئوچۈرگىلى بولىدۇ. سىلەر بىرەر ئىشقا غەزەبلەنگەن ۋاقتىڭلاردا دەرھال تاھارەت ئېلىڭلارآ»([13]). قەرزدارلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئوقۇلىدىغان دۇئا1. اَللَّهُمَّ اكْفِني بِحَلاَلِكَ عَنْ حَرَامِكَ، وَاغْنِني بِفَضْلِكَ عَمَّنْ سِوَاكَ.تەرجىمىسى: آ«ئى ئاللاھ! مېنى ھالال رىزقىڭ بىلەن ھارامدىن بېھاجەت قىلغىن، ئۇلۇغ پەزلىڭ بىلەن مېنى باشقىلارغا مۇھتاج بولۇشتىن بېھاجەت قىلغىنآ»([14]). 2. اَللَّهُمَّ إِنِّي أَعُوْذُ بِكَ مِنَ الْهَمِّ وَالْحَزَنِ، وَالْعَجْزِ وَالْكَسَلِ، وَالْبُخْلِ وَالْجُبْنِ، وَضَلَعِ الدَّيْنِ وَغلَبَةِ الرِّجَالِ.تەرجىمىسى: آ«ئى ئاللاھ! ساڭا سېغىنىپ غەم ــ قايغۇدىن، كۆڭۈلسىزلىكتىن، ئاجىزلىقتىن، ھورۇنلۇقتىن، بېخىللىقتىن، قورقۇنچاقلىقتىن، قەرزدارلىقتىن ۋە كىشىلەرنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەنآ»([15]). كىچىك بالىلارغا ئوقۇلىدىغان دۇئاأُعُِوْذُ بِكَلِمَاتِ اللهِ التَّامَّةِ، مِنْ كُلِّ شَيْطَانٍ وهَامَّةٍ، ومِنْ كُلِّ عَيْنٍ لاَمَّةٍ.تەرجىمىسى: آ«ئى ئاللاھ!  ساڭا سېغىنىپ ھەرقانداق شەيتاننىڭ ۋە زىيانلىق مەخلۇقنىڭ شەررىدىن ۋە ھەرقانداق يامان كۆزدىن پاناھ تىلەيمەنآ»([16]).  --------------------------------------------------------------------------------([1])      ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.([2])      ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.([3])      ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى.([4])      ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.([5])      ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.([6])      ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.([7])      ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.([8])      ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.([9])      ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى. ([10])    ئىبنى ھەببان رىۋايىتى.([11])    ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.([12])    ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.([13])    ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى.([14])    تىرمىزى رىۋايىتى.([15])    ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.([16])    ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.

ئەسلىدە ئېلان قىلىنغان mercyprophet.org

داۋاملىق ئوقۇڭ

  1. سەفا ۋە مەرۋىنىڭ ئارىسىنى سەئى قىلىپ مېڭىش ھەجنىڭ بىر روكنىدۇر

    سەفا ۋە مەرۋىنىڭ ئارىسىنى سەئى قىلىپ مېڭىش ھەجنىڭ بىر روكنىدۇر. لىكىن قۇرئاننىڭ ئايىتىدىكى )ھېچ باك يوق( دېگەن سۆزدىن بەزى ساھابىلەر بۇ سەئى قىلىش زۆرۈر ئەمەس بولسا كېرەك دېگەن گۇمان پەيدا بولغان ئىدى.

  2. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغاندا يۈز بەرگەن پەۋقۇلئاددە ۋەقەلەر ھەققىدىكى رىۋايەتلەرگە نەزەر

    ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى 1. پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسى ۋە ۋەھيدىن باشقا ئىشلاردا بىزگە ئوخشاشلا نورمال ئىنسان. 2…

  3. پەيغەمبىرىمىزنىڭ تۇنجى خۇتبىسى

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىرقچىلىققا قارشى ئەڭ گۈزەل سۆزلىرى بولغان مەشھۇر ۋىدا خۇتبىسىدىن خەۋىرى يوقلار بولمىسا كېرەك. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇنجى خۇتبىسىدە نېمىلەرنى ئېيتقانلىقىنى بىلىدىغانلار بارمۇ؟ بىر…

  4. ھەق پەيغەمبەرلىككە شاھىتلار

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە شاھىت بولىدىغان ئىلمىي ھەقىقەتلەر - جىمى ھەمدۇ سانالەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، قۇرئان كەرىمنى ئۆزىگە ئەخلاق قىلغان كىشىگە دۇرۇت ۋە سالاملار…

  5. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياشلارغا قانداق مۇئامىلە قىلاتتى؟ (2)

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك دوستلار! بۇ تىمىنىڭ بىرىنجى بۆلۈمىنى دىققىتىڭلارغا سۇنغان ۋە سىز ئىلىم سۆيەر قېرىنداشلىرىمنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. بۈگۈن سىلەرگە ئىككىنچى بۆلۈمىنى سۇنىمەن.1-ياشلارنى قەدىرلەش: قەدىرلەشنىڭ…

تۈرنى قوللاش ئۈچۈن بىزگە يېزىڭ