تخطَّ إلى المحتوى
انتقل إلى المحتوى

بۇ ئارخىپ ھەقسىز، ئوقۇرمەنلەرنىڭ قوللىشى بىلەن ئىشلەيدۇ.

ئىئانە

تائامدىن ئاۋۋال ئېيتىلىدىغان زىكىر

ئۇيغۇرچە2 مىنۇتلۇق ئوقۇش

تائامدىن ئاۋۋال ئېيتىلىدىغان زىكىر

تائامدىن ئاۋۋال ئېيتىلىدىغان زىكىرپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەر تائام يېيىش ئالدىدا ‹بىسمىللاھ› دەڭلار، ئەگەر تائامدىن ئاۋۋال ئونۇتقان بولساڭلار، ئېسىڭلارغا كەلگەن ھامان بِسْمِ اللهِ فِي اَوَّلِهِ وَ آخِرِهِ ـ ئاۋۋال ۋە ئاخىر ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلىدىم، دەڭلار»([1]). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا تائام كەلتۈرۈلگەندە: اَللَّهُمَّ بَارِكْ لَنَا فِيْمَا رَزَقْتَنَا وَقِنَا عَذَابَ النَّارِ بِسْمِ اللَّهِ - ئى ئاللاھ! بىزگە ئاتا قىلغان رىزقىڭغا بەرىكەت بەرگەيسەن ۋە بىزنى دۇزاخ ئازابىدىن ساقلىغايسەن، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن ... دەيتتى»([2]). ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «تائامنىڭ ھەققى بِسْمِ اللَّهِ اَللَّهُمَّ بَارِكْ لَنَا فِيْمَا رَزَقْتَنَا - ئاللاھنىڭ نامى بىلەن، ئى ئاللاھ! بىزگە ئاتا قىلغان رىزقىڭغا بەرىكەت بەرگەيسەن، دېيىشتۇر»([3]). تائامدىن كېيىن ئوقۇلىدىغان دۇئا 1. اَلْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي أَطْعَمَنِي هٰذَا وَرَزَقَنِيْهِ مِنْ غَيْرِ حَوْلٍ مِنّي وَلاَ قُوَّةٍ. تەرجىمىسى: «جىمى ھەمدۇ سانا مەن ھېچقانداق كۈچ سەرپ قىلماستىن، مېنى بۇ تائام بىلەن غىزالاندۇرغان ۋە ئۇنى ماڭا رىزىق قىلىپ ئاتا قىلغان ئاللاھقا خاستۇر، ئۇنىڭغا شۈكۈر ئېيتىمەن»([4]). 2. اَلْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي أطْعَمَنَا وَسَقَانَا وَجَعَلَنَا مِنَ الْمُسْلِمِيْنَ. تەرجىمىسى: «جىمى ھەمدۇ سانا بىزنى غىزالاندۇرغان، بىزنى سوغارغان ۋە بىزنى مۇسۇلمانلاردىن قىلغان ئاللاھقا خاستۇر ئۇنىڭغا شۈكۈر ئېيتىمەن»([5]). 3. اللَّهُمَّ بَارِكْ لَنَا فِيهِ وَأَطْعِمْنَا خَيْرًا مِنْهُ. تەرجىمىسى: «ئى ئاللاھ! بىزگە بۇنىڭدا بەرىكەت ئاتا قىلغىن ۋە بىزنى بۇنىڭدىنمۇ ياخشىسى بىلەن رىزىقلاندۇرغىن»([6]). ئىپتار قىلغاندا ئوقۇلىدىغان دۇئا 1. ذَهَبَ الظَّمَأُ وَابْتَلَّتِ الْعُرُوقُ وَثَبَتَ  اْلاَجْرُ إنْ شَاءَ اللهُ. تەرجىمىسى: «ئۇسسۇزلۇق كەتتى، تومۇرلار سوغۇرىلدى. ئاللاھ خالىسا ساۋاب پۈتۈلدى»([7]). 2. اَللَّهُمَّ إِنِّي أَسْأَلُكَ بِرَحْمَتِكَ، الَّتِي وَسِعَتْ كُلَّ شَيْءٍ أَنْ تَغْفِرَ لِي.  تەرجىمىسى: «ئى ئاللاھ! سېنىڭ ھەممىگە كەڭ بولغان چەكسىز رەھمىتىڭگە سېغىنىپ مېنى مەغپىرەت قىلىشىڭنى تىلەيمەن»([8]).  ئىپتارغا چاقىرىلغان ئۆيدە ئوقۇلىدىغان دۇئا أفْطَرَ عِنْدَكُمُ الصَّائِمُونَ وَأَكَلَ طَعَامَكُمُ الأبْرَارُ، وَتَنَزَّلَتْ عَلَيْكُمُ الْمَلاَئِكَةُ. تەرجىمىسى: «سىلەردە روزىدارلار ئىپتار قىلدى، تائامىڭلارنى ياخشىلار يېدى ۋە پەرىشتىلەر سىلەرگە مەغپىرەت تىلىدى»([9]).   مەجلىستىن كېيىن ئوقۇلىدىغان دۇئا سُبْحَانَكَ اَللَّهُمَّ وَبِحَمْدِكَ لاَ إلٰهَ إلاَّ أَنْتَ أَسْتَغْفِرُكَ وَأَتُوبُ إِلَيْكَ.  تەرجىمىسى: «ئى ئاللاھ! سەن پاكتۇرسەن، جىمى ھەمدۇ سانا ساڭا خاستۇر، سەندىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقتۇر. سەندىن مەغپىرەت تىلەيمە ۋە ساڭا تەۋبە قىلىمەن»([10]).    --------------------------------------------------------------------------------([1])      تىرمىزى رىۋايىتى.([2])      ئىبنۇسسۇننىي رىۋايىتى.([3])      ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.([4])      ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.([5])      ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى.([6])      ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى.([7])      ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى.([8])      ئىبنى ماجە رىۋايىتى.([9])      ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى.([10])    تىرمىزى رىۋايىتى.

ئەسلىدە ئېلان قىلىنغان mercyprophet.org

داۋاملىق ئوقۇڭ

  1. سەفا ۋە مەرۋىنىڭ ئارىسىنى سەئى قىلىپ مېڭىش ھەجنىڭ بىر روكنىدۇر

    سەفا ۋە مەرۋىنىڭ ئارىسىنى سەئى قىلىپ مېڭىش ھەجنىڭ بىر روكنىدۇر. لىكىن قۇرئاننىڭ ئايىتىدىكى )ھېچ باك يوق( دېگەن سۆزدىن بەزى ساھابىلەر بۇ سەئى قىلىش زۆرۈر ئەمەس بولسا كېرەك دېگەن گۇمان پەيدا بولغان ئىدى.

  2. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغاندا يۈز بەرگەن پەۋقۇلئاددە ۋەقەلەر ھەققىدىكى رىۋايەتلەرگە نەزەر

    ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى 1. پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسى ۋە ۋەھيدىن باشقا ئىشلاردا بىزگە ئوخشاشلا نورمال ئىنسان. 2…

  3. پەيغەمبىرىمىزنىڭ تۇنجى خۇتبىسى

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىرقچىلىققا قارشى ئەڭ گۈزەل سۆزلىرى بولغان مەشھۇر ۋىدا خۇتبىسىدىن خەۋىرى يوقلار بولمىسا كېرەك. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇنجى خۇتبىسىدە نېمىلەرنى ئېيتقانلىقىنى بىلىدىغانلار بارمۇ؟ بىر…

  4. ھەق پەيغەمبەرلىككە شاھىتلار

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە شاھىت بولىدىغان ئىلمىي ھەقىقەتلەر - جىمى ھەمدۇ سانالەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، قۇرئان كەرىمنى ئۆزىگە ئەخلاق قىلغان كىشىگە دۇرۇت ۋە سالاملار…

  5. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياشلارغا قانداق مۇئامىلە قىلاتتى؟ (2)

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك دوستلار! بۇ تىمىنىڭ بىرىنجى بۆلۈمىنى دىققىتىڭلارغا سۇنغان ۋە سىز ئىلىم سۆيەر قېرىنداشلىرىمنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. بۈگۈن سىلەرگە ئىككىنچى بۆلۈمىنى سۇنىمەن.1-ياشلارنى قەدىرلەش: قەدىرلەشنىڭ…

تۈرنى قوللاش ئۈچۈن بىزگە يېزىڭ