
كۈنلۈك ۋەزىپە ---------- شەھىد ھەسەن ئەل بەننا أَعُوذُ بِالله السَّمِيعِ العَلِيِمِ مِنَ الشّيطَانِ الرّجِيمِتەرجىمىسى: آ«ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچى ۋە ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى ئاللاھقا سېغىنىپ قوغلاندى شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەنآ».بِسْمِ اللَّهِ ٱلرَّحْمـٰنِ ٱلرَّحِيمِ.آ«ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەنآ».1. ٱلْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ ٱلْعَالَمِيْنَ. ٱلرَّحْمـٰنِ ٱلرَّحِيْمِ. مَـٰلِكِ يَوْمِ ٱلدِّيْن. ِإِيَّاكَ نَعْبُدُ وإِيَّاكَ نَسْتَعِيْنُ. ٱهْدِنَا ٱلصِّرَاطَ ٱلْمُسْتَقِيْمَ. صِرَاطَ ٱلَّذِينَ أَنْعَمْتَ عَلَيْهِمْ غَيْرِ ٱلْمَغْضُوبِ عَلَيْهِم وَلاَ ٱلضَّآلِّيْنَ.تەرجىمىسى: آ«جىمى ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر. قىيامەت كۈنىنىڭ ئېگىسىدۇر. رەببىمىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمز ۋە سەندىنلا ياردەم سورايمىز. بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن. غەزىبىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا باشلىغىنآ».2. بِسْمِ اللَّهِ ٱلرَّحْمـٰنِ ٱلرَّحِيم. آلم. ذَلِكَ الْكِتَابُ لاَ رَيْبَ فِيهِ هُدًى لِّلْمُتَّقِيْنَ. الَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِالْغَيْبِ وَيُقِيْمُونَ الصَّلاةَ وَمِمَّا رَزَقْنَاهُمْ يُنفِقُونَ. والَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِمَا أُنزِلَ إِلَيْكَ وَمَا أُنزِلَ مِن قَبْلِكَ وَبِالآخِرَةِ هُمْ يُوقِنُونَ. أُوْلَئِكَ عَلَى هُدًى مِّن رَّبِّهِمْ وَأُوْلَئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ.تەرجىمىسى: آ«ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، ئەلىف، لام، مىم، بۇ كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) ھېچ شەك يوق، (ئۇ) تەقۋادارلارغا يېتەكچىدۇر. ئۇلار غەيىبكە ئشىنىدۇ، نامازنى ئادا قىلىدۇ، ئۇلار بىز بەرگەن مال- مۈلۈكتىن (خۇدا يولىغا) سەرپ قىلىدۇ. ئۇلار ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابقا، سەندىن ئىلگىرىكى (پەيغەمبەرلەرگە) نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىشىنىدۇ ۋە ئاخىرەتكە شەكسىز ئىشىنىدۇ. ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ توغرا يولىدا بولغۇچىلاردۇر، ئەنە شۇلار بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇرآ»([1]).3. اَللَّهُ لاَ إِلَـهَ إِلاَّ هُوَ الْحَيُّ الْقَيُّومُ لاَ تَأْخُذُهُ سِنَةٌ وَلاَ نَوْمٌ لَّهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الأَرْضِ مَن ذَا الَّذِي يَشْفَعُ عِنْدَهُ إِلاَّ بِإِذْنِهِ يَعْلَمُ مَا بَيْنَ أَيْدِيْهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ وَلاَ يُحِيْطُونَ بِشَيْءٍ مِّنْ عِلْمِهِ إِلاَّ بِمَا شَاءَ وَسِعَ كُرْسِيُّهُ السَّمَاوَاتِ وَالأَرْضَ وَلاَ يَؤُودُهُ حِفْظُهُمَا وَهُوَ الْعَلِيُّ الْعَظِيْمُ. لاَ إِكْرَاهَ فِي الدِّينِ قَد تَّبَيَّنَ الرُّشْدُ مِنَ الْغَيِّ فَمَنْ يَكْفُرْ بِالطَّاغُوتِ وَيُؤْمِن بِاللّهِ فَقَدِ اسْتَمْسَكَ بِالْعُرْوَةِ الْوُثْقَىَ لاَ انفِصَامَ لَهَا وَاللّهُ سَمِيْعٌ عَلِيمٌ. اللّهُ وَلِيُّ الَّذِينَ آمَنُواْ يُخْرِجُهُم مِّنَ الظُّلُمَاتِ إِلَى النُّوُرِ وَالَّذِينَ كَفَرُواْ أَوْلِيَآؤُهُمُ الطَّاغُوتُ يُخْرِجُونَهُم مِّنَ النُّورِ إِلَى الظُّلُمَاتِ أُوْلَئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ هُمْ فِيْهَا خَالِدُونَ.تەرجىمىسى: آ«بىر ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقتۇر؛ ئاللاھ ھەمىشە تىرىكتۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر؛ ئۇ مۈگدەپ قالمايدۇ، ئۇنى ئۇيقۇ باسمايدۇ؛ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر؛ ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ ئاللاھنىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن؛ ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى (دۇنيادىكى)، كەينىدىكى (ئاخىرەت ئۈچۈن تەييارلىغا) ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ؛ ئۇلار ئاللاھنىڭ مەلۇماتىدىن ئاللاھ ئۇلارغا بىلدۈرۈرشنى خالىغان نەرسىلەردىن باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ، ئاللاھنىڭ مەلۇماتى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاسمان ـ زېمىننى ساقلاش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ. ئۇ يۇقىرى مەرتىبىلىكتۇر، ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر. دىندا (ئۇنىڭغا كىرىشكە) زورلاش يوقتۇر، ھىدايەت گۇمراھلىقتىن ئېنىق ئايرىلدى، كىمكى تاغۇت (يەنى ئاللاھتىن باشقا بارچە مەبۇد) نى ئىنكار قىلىپ، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىكەن، ئۇ سۇنماس، مەھكەم تۇتقىنى تۇتقان بولىدۇ. ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئىشلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئاللاھ مۆمىنلەرنىڭ ئىگىسىدۇر، ئۇلارنى (كۇفرىنىڭ) زۇلمىتىدىن (ئىماننىڭ) يورۇقلىقىغا چىقىرىدۇ. كاپىرلارنىڭ ئىگىسى شەيتاندۇر، ئۇلارنى (ئىماننىڭ) يورۇقلىقىدىن (گۇمراھلىقنىڭ) قاراڭغۇلۇقلىرىغا چىقىرىدۇ. ئەنە شۇلار ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇرآ»([2]).4. لِّلَّهِ ما فِي السَّمَاواتِ وَمَا فِي الأَرْضِ وَإِن تُبْدُواْ مَا فِي أَنفُسِكُمْ أَوْ تُخْفُوهُ يُحَاسِبْكُم بِهِ اللّهُ فَيَغْفِرُ لِمَن يَشَاءُ وَيُعَذِّبُ مَن يَشَاءُ وَاللّهُ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيْرٌ . آمَنَ الرَّسُولُ بِمَا أُنزِلَ إِلَيْهِ مِن رَّبِّهِ وَالْمُؤْمِنُونَ كُلٌّ آمَنَ بِاللّهِ وَمَلآئِكَتِهِ وَكُتُبِهِ وَرُسُلِهِ لاَ نُفَرِّقُ بَيْنَ أَحَدٍ مِّن رُّسُلِهِ وَقَالُواْ سَمِعْنَا وَأَطَعْنَا غُفْرَانَكَ رَبَّنَا وَإِلَيْكَ الْمَصِيْرُ. لاَ يُكَلِّفُ اللّهُ نَفْسًا إِلاَّ وُسْعَهَا لَهَا مَا كَسَبَتْ وَعَلَيْهَا مَا اكْتَسَبَتْ رَبَّنَا لاَ تُؤَاخِذْنَا إِن نَّسِيْنَا أَوْ أَخْطَأْنَا رَبَّنَا وَلاَ تَحْمِلْ عَلَيْنَا إِصْرًا كَمَا حَمَلْتَهُ عَلَى الَّذِينَ مِن قَبْلِنَا رَبَّنَا وَلاَ تُحَمِّلْنَا مَا لاَ طَاقَةَ لَنَا بِهِ وَاعْفُ عَنَّا وَاغْفِرْ لَنَا وَارْحَمْنَا أَنتَ مَوْلاَنَا فَانصُرْنَا عَلَى الْقَوْمِ الْكَافِرِيْنَ.تەرجىمىسى: آ«ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى شەيئىلەر (ئىگىدارچىلىق قىلىش جەھەتتىن بولسۇن، تەسەررۇپ قىلىش جەھەتتىن بولسۇن) ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. دىلىڭلاردىكى (يامانلىقنى) مەيلى ئاشكارا قىلىڭلار، مەيلى يوشۇرۇڭلار، ئۇنىڭ ئۇچۇن ئاللاھ سىلەردىن ھېساب ئالىدۇ. ئاللاھ خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە ئازاب قىلىدۇ. ئاللاھ ھەممە نەرسىگەقادىردۇر. پەيغەمبەر پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان كەلتۈردى، مۆمىنلەرمۇ ئىمان كەلتۈردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈردى. (ئۇلار) آ«ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەنى ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ، بەزىسىگە ئىمان ئېيتماي قالمايمىز)آ» دەيدۇ. ئۇلار: آ«بىز (دەۋىتىڭنى) ئاڭلىدۇق ۋە (ئەمرىڭگە) ئىتائەت قىلدۇق، پەرۋەردىگارىمىز، مەغپىرىتىڭنى تىلەيمىز، ئاخىر يانىدىغان جايىمىز سېنىڭ دەرگاھىڭدۇرآ» دەيدۇ. ئاللاھ ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ. كىشىنىڭ قىلغان ياخشىلىقى (نىڭ ساۋابى) ئۆزىگىدۇر، يامانلىقى (نىڭ جازاسى مۇ) ئۆزىگىدۇر. (ئۇلار): آ«پەرۋەردىگارىمىز! ئەگەر بىز ئۇنتۇساق ياكى خاتالاشساق (يەنى بىز ئۇنتۇش ياكى سەۋەنلىك سەۋەبىدىن ئەمرىڭنى تولۇق ئورۇنلىيالمىساق)، بىزنى جازاغا تارتمىغىن. پەرۋەردىگارىمىز! بىزدىن ئىلگىرىكىلەرگە يۈكلىگىنىڭگە ئوخشاش، بىزگە ئېغىر يۈك يۈكلىمىگىن (يەنى بىزنى قىيىن ئىشلارغا تەكلىپ قىلمىغىن)، پەرۋەردىگارىمىز! كۈچىمىز يەتمەيدىغان نەرسىنى بىزگە ئارتمىغىن، بىزنى كەچۈرگىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە رەھىم قىلغىن، سەن بىزنىڭ ئىگىمىزسەن، كاپىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىنآ» دەيدۇآ»([3]).5. بِسْمِ اللَّهِ ٱلرَّحْمـٰنِ ٱلرَّحِيمِ. آلم. اللهُ لاَ إِلَهَ إِلاَّ هُوَ الْحَيُّ الْقَيُّومُ. تەرجىمىسى: آ«ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. ئەلىف، لام، مىم. ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئاللاھ (ھەمىشە) تىرىكتۇرآ»([4]).6. وَعَنَتِ الْوُجُوهُ لِلْحَيِّ الْقَيُّومِ وَقَدْ خَابَ مَنْ حَمَلَ ظُلْمًا. وَمَن يَعْمَلْ مِنَ الصَّالِحَاتِ وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَلاَ يَخَافُ ظُلْمًا وَلاَ هَضْمًا.تەرجىمىسى: آ«گۇناھكارلار مەخلۇقاتنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى (مەڭگۈ) ھايات ئاللاھقا ئېگىلىدۇ، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلەر شەكسىز زىيان تارتىدۇ. مۆمىن تۇرۇپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار يامانلىقلىرىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ۋە ياخشىلىقلىرىنىڭ كېمىيىپ كېتىشىدىن قورقمايدۇآ»([5]).7. حَسْبِيَ اللهُ لاَ إِلَهَ إِلاَّ هُوَ عَلَيْهِ تَوَكَّلْتُ وَهُوَ رَبُّ الْعَرْشِ الْعَظِيْمِ. (يەتتە قېتىم ئوقۇلىدۇ) . تەرجىمىسى: آ«ئاللاھ ماڭا كۇپايىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلدىم (يەنى ئاللاھقا يۆلەندىم، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئەھەدىدىن ئۈمىد كۈتمەيمەن ۋە ھېچ ئەھەدىدىنمۇ قورقمايمەن)، ئۇ بۈيۈك ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارىدۇرآ»([6]).8. قُلِ ادْعُواْ اللهَ أَوِ ادْعُواْ الرَّحْمَنَ أَيًّا مَّا تَدْعُواْ فَلَهُ الأَسْمَاءُ الْحُسْنَى وَلاَ تَجْهَرْ بِصَلاَتِكَ وَلاَ تُخَافِتْ بِهَا وَابْتَغِ بَيْنَ ذَلِكَ سَبِيْلاً. وَقُلِ الْحَمْدُ لِلّهِ الَّذِي لَمْ يَتَّخِذْ وَلَدًا وَلَم يَكُن لَّهُ شَرِيْكٌ فِي الْمُلْكِ وَلَمْ يَكُن لَّهُ وَلِيٌّ مِّنَ الذُّلَّ وَكَبِّرْهُ تَكْبِيْرًا.تەرجىمىسى: آ«ئاللاھ دەپ ئاتىساڭلارمۇ بولىدۇ، رەھمان دەپ ئاتىساڭلارمۇ بولىدۇ، قايسىنى ئاتىساڭلار (ھەممىسى ياخشىدۇر). چۈنكى ئاللاھنىڭ نۇرغۇن گۈزەل ئىسىملىرى بارآ» دېگىن، نامىزىڭدا (قىرائەتنى بەك) يۇقىرى ئاۋاز بىلەنمۇ ئوقۇمىغىن، پەس ئاۋاز بىلەنمۇ ئوقۇمىغىن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئوتتۇرا يول تۇتقىن. ئېيتقىنكى، آ«جىمى ھەمدۇسانا بالىسى بولۇشتىن پاك بولغان، سەلتەنىتىدە شېرىكى بولمىغان، خارلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن دوستقا موھتاج بولمىغان (يەنى خار بولمىغان، ياردەمچىگە موھتاج بولمىغان) ئاللاھقا خاستۇر! ئاللاھنى مۇكەممەل رەۋىشتە ئۇلۇغلىغىنآ»([7]).9. أَفَحَسِبْتُمْ أَنَّمَا خَلَقْنَاكُمْ عَبَثًا وَأَنَّكُمْ إِلَيْنَا لَا تُرْجَعُونَ. فَتَعَالَى اللهُ الْمَلِكُ الْحَقُّ لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ رَبُّ الْعَرْشِ الْكَرِيمِ. وَمَن يَدْعُ مَعَ اللَّهِ إِلَهًا آخَرَ لَا بُرْهَانَ لَهُ بِهِ فَإِنَّمَا حِسَابُهُ عِندَ رَبِّهِ إِنَّهُ لَا يُفْلِحُ الْكَافِرُون. وَقُل رَّبِّ اغْفِرْ وَارْحَمْ وَأَنتَ خَيْرُ الرَّاحِمِيْنَ.تەرجىمىسى: آ«ئى ئىنسانلار! بىزنى سىلەر ئۆزەڭلارنى بىكار ياراتتى (يەنى سىلەر بىزنى ھايۋاناتلارنى ياراتقىنىمىزدەك بىز ھېچقانداق ساۋابمۇ بەرمەيدىغان، جازامۇ بەرمەيدىغان قىلىپ ياراتتى)، ئۆزەڭلارنى بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلمايدۇ دەپ ئويلامسىلەر؟ ھەق - پادىشاھ ئاللاھ ئۈستۈندۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئاللاھ يوقتۇر، ئاللاھ ئۇلۇغ ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر.كىمكى ھېچقانداق دەلىلى بولمىغام ھالدا ئاللاھقا قوشۇپ يەنە بىر مەبۇدقا ئىبادەت قىلىدىكەن، پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ھېساب بېرىدۇ، كاپىرلار ھەقىقەتەن نىجات تاپمايدۇ آ«پەرۋەدىگارىم! مەغپىرەت قىلغىن، رەھىم قىلغىن، سەن رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ياخشىسىسەنآ» دېگىنآ»([8]).10. فَسُبْحَانَ اللَّهِ حِينَ تُمْسُونَ وَحِينَ تُصْبِحُون.ظژ وَلَهُ الْحَمْدُ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَعَشِيًّا وَحِينَ تُظْهِرُونَ. يُخْرِجُ الْحَيَّ مِنَ الْمَيِّتِ وَيُخْرِجُ الْمَيِّتَ مِنَ الْحَيِّ وَيُحْيِي الْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا وَكَذَلِكَ تُخْرَجُونَ. وَمِنْ آيَاتِهِ أَنْ خَلَقَكُم مِّن تُرَابٍ ثُمَّ إِذَا أَنتُم بَشَرٌ تَنتَشِرُونَ. وَمِنْ آيَاتِهِ أَنْ خَلَقَ لَكُم مِّنْ أَنفُسِكُمْ أَزْوَاجًا لِّتَسْكُنُوا إِلَيْهَا وَجَعَلَ بَيْنَكُم مَّوَدَّةً وَرَحْمَةً إِنَّ فِي ذَلِكَ لَآيَاتٍ لِّقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ. وَمِنْ آيَاتِهِ خَلْقُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَاخْتِلَافُ أَلْسِنَتِكُمْ وَأَلْوَانِكُمْ إِنَّ فِي ذَلِكَ لَآيَاتٍ لِّلْعَالِمِيْنَ. وَمِنْ آيَاتِهِ مَنَامُكُم بِاللَّيْلِ وَالنَّهَارِ وَابْتِغَاؤُكُم مِّن فَضْلِهِ إِنَّ فِي ذَلِكَ لَآيَاتٍ لِّقَوْمٍ يَسْمَعُونَ. وَمِنْ آيَاتِهِ يُرِيْكُمُ الْبَرْقَ خَوْفًا وَطَمَعًا وَيُنَزِّلُ مِنَ السَّمَاءِ مَاءًا فَيُحْيِي بِهِ الْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا إِنَّ فِي ذَلِكَ لَآيَاتٍ لِّقَوْمٍ يَعْقِلُونَ. وَمِنْ آيَاتِهِ أَن تَقُومَ السَّمَاءُ وَالْأَرْضُ بِأَمْرِهِ ثُمَّ إِذَا دَعَاكُمْ دَعْوَةً مِّنَ الْأَرْضِ إِذَا أَنتُمْ تَخْرُجُونَ. وَلَهُ مَن فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ كُلٌّ لَّهُ قَانِتُونَ.تەرجىمىسى: آ«سىلەر ئاخشامدا ۋە ئەتىگەندە ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىڭلار. ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى ھەمدۇ سانا، كەچ ۋە پېشىن ۋاقىتلىرىدىكى ھەمدۇ سانانىڭ ھەممىسى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ جانسىز نەرسىلەردىن جانلىق نەرسىلەرنى چىقىرىدۇ، جانلىق نەرسىلەردىن جانسىز نەرسىلەرنى چىقىرىدۇ، ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرىدۇ (يەنى قۇرغاق زېمىننى ئۆسۈملۈكلەر بىلەن كۆكەرتىدۇ)، سىلەرمۇ مۇشۇنداق تىرىلدۈرۈلىسىلەر، ئاللاھنىڭ سىلەرنى تۇپراقتىن ياراتقانلىقى، ئاندىن سىلەرنىڭ ئىنسان بولۇپ زېمىندا تارىلىپ يۈرۈشۈڭلار ئاللاھنىڭ(كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر. ئاياللار بىلەن ئۇنسى – ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ) ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا (يەنى ئەر – خوتۇن ئارىسىدا) مېھر – مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن، شەك - شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار. ئاللاھنىڭ ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقانلىقى، تىللىرىڭلارنىڭ، رەڭگىلىرىڭلارنىڭ خىلمۇخىل بولۇشى ئاللاھنىڭ(كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، بۇنىڭدا بىلىملىك كىشىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئالامەتلەر بار. سىلەرنىڭ كېچىسى ۋە كۈندۈزى ئۇخلىشىڭلار، (كۈندۈزى) ئاللاھنىڭ مەرھەمىتىدىن (رىزىق) تەلەپ قىلىپ (ھەرىكەتلىنىشىڭلار) ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، شەك – شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئاڭلايدىغان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار. ئاللاھنىڭ سىلەرگە چاقماقنى قورقۇنچ ۋە ئۈمىد قىلىپ كۆرسىتىشى، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرۈشى ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، چۈشىنەلەيدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا، شەك – شۈبھىسىزكى، نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار. ئاللاھنىڭ ئاسمان _ زېمىننى ئۆز ئەمرى بىلەن (مۇئەللەق) تۇرغۇزۇشى ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، ئاندىن ئاللاھ (قەبرىلەردە كۆمۈلۈپ ياتقان) سىلەرنى يەر ئاستىدىن چاقىرسا، دەرھال چىقىسىلەر ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىدۇر ۋە ئاللاھنىڭ تەسەررۇپى ئاستىدىدۇر)، ھەممە ئاللاھقا بويسۇنغۇچىدۇرآ»([9]).11. بِسْمِ اللَّهِ ٱلرَّحْمـٰنِ ٱلرَّحِيم. حم. تَنْزِيلُ الْكِتَابِ مِنَ اللَّهِ الْعَزِيْزِ الْعَلِيْمِ. غَافِرِ الذَّنبِ وَقَابِلِ التَّوْبِ شَدِيْدِ الْعِقَابِ ذِي الطَّوْلِ لاَ إِلَهَ إِلاَّ هُوَ إِلَيْهِ الْمَصِيْرُ.تەرجىمىسى: آ«ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، ھامىم. (بۇ) كىتاب (يەنى قۇرئان) غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر. (ئاللاھ) گۇناھنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تەۋبىنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر. (ئاللاھنىڭ) ئازابى قاتتىقتۇر، (ئاللاھ) ئىنئام ئىگىسىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاقىۋەت قايتىدىغان جاي ئۇنىڭ دەرگاھىدۇرآ»([10]).12. هُوَ اللَّهُ الَّذِي لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ عَالِمُ الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ هُوَ الرَّحْمَنُ الرَّحِيْمُ . هُوَ اللَّهُ الَّذِي لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ الْمَلِكُ الْقُدُّوسُ السَّلَامُ الْمُؤْمِنُ الْمُهَيْمِنُ الْعَزِيزُ الْجَبَّارُ الْمُتَكَبِّرُ سُبْحَانَ اللَّهِ عَمَّا يُشْرِكُونَ. هُوَ اللَّهُ الْخَالِقُ الْبَارِئُ الْمُصَوِّرُ لَهُ الْأَسْمَاءُ الْحُسْنَى يُسَبِّحُ لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيْمُ.تەرجىمىسى: آ«ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ يوشۇرۇننى، ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، ئۇ ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر (يەنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) كەڭ رەھمەت ئىگىسىدۇر. )ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ (مۇتلەق) پادىشاھتۇر،(جىمى نۇقساندىن) پاكتۇر، (مۆمىنلەرگە) سالامەتلىك بېغىشلىغۇچىدۇر، ئەمىن قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر، غالىبتۇر، قەھر قىلغۇچىدۇر، ئۇلۇغلۇق ئىگىسىدۇر، (مۇشرىكلارنىڭ) شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر. ئاللاھ (ھەممىنى) ياراتقۇچى ۋە پەيدا قىلغۇچىدۇر، (ھەممە نەرسىگە) سۈرەت (شەكىل) بېغىشلىغۇچىدۇر، ئەڭ چىرايلىق ئىسىملارغا ئىگىدۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ، ئۇ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرآ»([11]).13. بِسْمِ اللَّهِ ٱلرَّحْمـٰنِ ٱلرَّحِيمِ. إِذَا زُلْزِلَتِ الْأَرْضُ زِلْزَالَهَا. وَأَخْرَجَتِ الْأَرْضُ أَثْقَالَهَا. وَقَالَ الْإِنسَانُ مَا لَهَا. يَوْمَئِذٍ تُحَدِّثُ أَخْبَارَهَا. بِأَنَّ رَبَّكَ أَوْحَى لَهَا. يَوْمَئِذٍ يَصْدُرُ النَّاسُ أَشْتَاتًا لِّيُرَوْا أَعْمَالَهُمْ. فَمَن يَعْمَلْ مِثْقَالَ ذَرَّةٍ خَيْرًا يَرَهُ وَمَن يَعْمَلْ مِثْقَالَ ذَرَّةٍ شَرًّا يَرَهُ.تەرجىمىسى: آ«ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەندە، زېمىن (قوينىدىكى) يۈكلىرىنى (يەنى مەدەنلەر، ئوتلار، ئۆلۈكلەرنى)چىقارغاندا، ئىنسان (يەنى كاپىر) ئۇنىڭغا (يەنى زېمىنغا): آ«نېمە بولدى؟آ» دېگەندە، بۇ كۈندە زېمىن ئۆزىنىڭ خەۋەرلىرىنى (يەنى ئۇنىڭ ئۈستىدە ئىشلەنگەن ياخشى - يامان ئىشلارنى) مەلۇم قىلىدۇ. (ئۇنىڭ مەلۇم قىلىشى) پەرۋەردىگارىنىڭ ئۇنى شۇنداق قىلىشقا ئەمر قىلغانلىقىدىندۇر. بۇ كۈندە كىشىلەر قىلغان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈش (يەنى نەتىجىسىگە ئېرىشىش) ئۈچۈن توپ - توپ بولۇپ تارىلىپ كېتىدۇ. كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ. كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇآ»([12]).14. بِسْمِ اللَّهِ ٱلرَّحْمـٰنِ ٱلرَّحِيمِ. قُلْ يَا أَيُّهَا الْكَافِرُونَ. لَا أَعْبُدُ مَا تَعْبُدُونَ. وَلَا أَنْتُمْ عَابِدُونَ مَا أَعْبُدُ. وَلَا أَنَا عَابِدٌ مَا عَبَدْتُمْ. وَلَا أَنْتُمْ عَابِدُونَ مَا أَعْبُدُ. لَكُمْ دِينُكُمْ وَلِيَ دِينِ.تەرجىمىسى: آ«ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، ئېيتقىنكى، ئى كاپىرلار! سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارغا مەن چوقۇنمايمەن. سىلەرمۇ مەن ئىبادەت قىلىۋاتقان ئاللاھقا ئىبادەت قىلمايسىلەر. سىلەر چوقۇنغان بۇتلارغا مېنىڭ چوقۇنغىنىم يوق. سىلەرنىڭمۇ مەن ئىبادەت قىلغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىنىڭلار يوق. سىلەرنىڭ دىنىڭلار ئۆزەڭلار ئۈچۈن، مېنىڭ دىنىممۇ ئۆزەم ئۈچۈنآ»([13]).15. بِسْمِ اللَّهِ ٱلرَّحْمـٰنِ ٱلرَّحِيمِ. إِذَا جَاءَ نَصْرُ اللَّهِ وَالْفَتْحُ. وَرَأَيْتَ النَّاسَ يَدْخُلُونَ فِي دِينِ اللَّهِ أَفْوَاجًا. فَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ وَاسْتَغْفِرْهُ إِنَّهُ كَانَ تَوَّابًا.تەرجىمىسى: آ«ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە غەلىبىسى كەلگەن ۋە ئاللاھنىڭ دىنىغا كىشىلەرنىڭ توپ - توپ بولۇپ كىرگەنلىكىنى كۆرگىنىڭدە رەببىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدى ئېيتقىن ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبىنى بەك قوبۇل قىلغۇچىدۇرآ»([14]).16. بِسْمِ اللَّهِ ٱلرَّحْمـٰنِ ٱلرَّحِيمِ. قُلْ هُوَ اللَّهُ أَحَدٌ. اللَّهُ الصَّمَدُ. لَمْ يَلِدْ وَلَمْ يُولَدْ. وَلَمْ يَكُنْ لَهُ كُفُوًا أَحَدٌ. (ئۈچ قېتىم).تەرجىمىسى: آ«ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. ئېيتقىنكى، ئۇ ― ئاللاھ بىردۇر. ھەممە ئاللاھقا مۇھتاجدۇر. ئاللاھ بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس. ھېچ كىشى ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇآ»([15]).17. بِسْمِ اللَّهِ ٱلرَّحْمـٰنِ ٱلرَّحِيمِ. قُلْ أَعُوذُ بِرَبِّ الْفَلَقِ. مِنْ شَرِّ مَا خَلَقَ. وَمِنْ شَرِّ غَاسِقٍ إِذَا وَقَبَ. وَمِنْ شَرِّ النَّفَّاثَاتِ فِي الْعُقَدِ. وَمِنْ شَرِّ حَاسِدٍ إِذَا حَسَدَ. (ئۈچ قېتىم).تەرجىمىسى: آ«ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، ‹مەخلۇقاتنىڭ شەررىدىن، قاراڭغۇلۇقى بىلەن كىرگەن كېچىنىڭ شەررىدىن، تۈگۈنلەرگە دەم سالغۇچى سېھىرگەرلەرنىڭ شەررىدىن، سۈبھىنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن› دېگىنآ»([16]).18. بِسْمِ اللَّهِ ٱلرَّحْمـٰنِ ٱلرَّحِيم. قُلْ أَعُوذُ بِرَبِّ النَّاسِ. مَلِكِ النَّاسِ. إِلَهِ النَّاسِ. مِنْ شَرِّ الْوَسْوَاسِ الْخَنَّاسِ. الَّذِي يُوَسْوِسُ فِي صُدُورِ النَّاسِ. مِنَ الْجِنَّةِ وَالنَّاسِ. (ئۈچ قېتىم).تەرجىمىسى: آ«ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. ‹ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، ئىنسانلارنىڭ پادىشاھى، ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى ئاللاھقا سېغىنىپ، كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا ۋەسۋەسە قىلغۇچى جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان يوشۇرۇن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن› دېگىنآ»([17]).19. أَصْبَحْنَا وَأَصْبَحَ الْمُلْكُ لِلّهِ (ئاخشاملىرى: آ«أَمْسَيْنَا وَأَمْسَى الْمُلْكُ لِلَّهِآ» دەپ ئوقۇلىدۇ) والْحَمْدُ لِلَّهِ.، لاَشَرِيْكَ لَهُ لاَاِلَهَ اِلاَّ هُوَ، وَإِلَيْهِ النُّشُورُ (ئاخشاملىرى: آ«وَاِلَيْهِ الْمَصَيْرُآ» دەپ ئوقۇلىدۇ).تەرجىمىسى: آ«پادىشاھلىقنىڭ ئاللاھقا خاس ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلغان ھالدا ئەتىگەنلىكنى باشلىدۇق (ئاخشاملىققا كىردۇق). جىمى ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوق، ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوق، بىزنىڭ توپلىنىدىغان جايىمىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر (بىزنىڭ قايتىدىغان جايىمىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر)آ»([18]).20. أصْبَحْنا (ئاخشاملىرى: آ«أَمْسَيْنَاآ» دەپ ئوقۇلىدۇ) عَلَى فِطْرَةِ اْلإسْلاَمِ، وَعَلى كَلِمَةِ اْلإخْلاَصِ، وَعَلَى دِينِ نَبِينا مُحَمَّدٍ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ، وَعَلَى مِلَّةِ أبِيْنَا إبرَاهِيْمَ حَنِيْفاً مُسْلِماً وَمَا كَانَ مِنَ الْمُشْرِكِيْنَ.تەرجىمىسى: آ«ئىسلامىي يارىتىلىشقا، ئىخلاس كەلىمىسى (كەلىمە تەييىبە)گە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىغا ۋە ئاتىمىز ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مىللىتىگە مۇستەھكەم بولغان، توغرا دىنغا ئەگەشكەن ھالدا ئەتىگەن تۇردۇق (كەچ قىلدۇق)، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام مۇشرىكلەردىن ئەمەس ئىدىآ»([19]).21. اَلَّلهُمَّ إِنّيِ أَصْبَحْتُ مِنْكَ فِي نِعْمَةٍ وَعَافِيَةٍ وَسِتْرٍ، فَأَتِمْ عَلَيَّ نِعْمَتَكَ وَعَافِيَتَكَ وَسِتْرَكَ فِي الدُّنْيَا وَاْلآخِرَةِ. (ئۇچ قېتىم).تەرجىمىسى: آ«ئى ئاللاھ! مەن سەن تەرەپتىن بېرىلگەن نېمەت، ئامانلىق ۋە مەغپىرەت ئىچىدە تاڭ ئاتقۇزدۇم. ئى ئاللاھ! نېمىتىڭنى، ئامانلىقىڭنى ۋە مەغپىرىتىڭنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ماڭا تولۇقلاپ بەرگىنآ»([20]).22 . اَللَّهُمَّ مَا أَصْبَحَ بِي (ئاخشاملىرى: آ«ماَ اَمْسَى بِيآ» دەپ ئوقۇلىدۇ) مِنْ نِعْمَةٍ أو بأحَدٍ مِنْ خَلْقِكَ، فمِنْكَ وَحْدَكَ لاَ شَرِيْكَ لَكَ، فَلَكَ الْحَمْدُ وَلَكَ الشُّكْرُ، ياَ رَبِّ لَكَ الْحَمْدُ كَماَ يَنْبَغِي لِجَلاَلِ وَجْهِكَ وَعَظِيْمِِ سُلْطاَنِكَ. (ئۈچ قېتىم ئوقۇلىدۇ).تەرجىمىسى: آ«ئى ئاللاھ! ماڭا ياكى بەندىلىرىڭدىن بىرەرسىگە ئەتىگەندە (ئاخشامدا) ئاتا قىلىنغان قانداقلا بىر نېمەت بولمىسۇن، ئۇ چوقۇم سېنىڭدىندۇر. سېنىڭ ھېچ شېرىكىڭ يوق، ھەمدۇ سانا ۋە شۈكۈر پەقەت ساڭىلا خاستۇر. پەرۋەردىگارىم! سېنىڭ پادىشاھلىقىڭنىڭ كاتتىلىقى ۋە مەرتىبەڭنىڭ ئۇلۇغلىقىغا لايىق كېلىدىغان ھەمدۇ سانا ساڭا خاستۇرآ»([21]). 23. يَا رَبِّ لَكَ الْحَمْدُ كَمَا يَنْبَغِى لِجَلاَلِ وَجْهِكَ وَلِعَظِيمِ سُلْطَانِكَ. (ئۈچ قېتىم).تەرجىمىسى: آ« ئى پەرۋەردىگارىم! سېنىڭ ئۇلۇغ زاتىڭغا ۋە كاتتا پادىشاھلىقىڭغا لايىق كېلىدىغان ھەمدۇ سانا ساڭا خاستۇرآ»([22]).24. رَضِيْتُ بِاللهِ رَبّاً، وباْلإِسْلاَمِ دِيْناً، وَ بِنَبَيِّناَ مُحَمَّدٍ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نَبِيّاً وَرَسُولاً. (ئۈچ قېتىم).تەرجىمىسى: آ«ئىگەم ئاللاھ، دىنىم ئىسلام، پەيغەمبىرىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلدىمآ»([23]).25. سُبْحَانَ اللّهِ وَبِحَمْدِهِ عَدَدَ خَلْقِهِ، وَرِضَا نَفْسِهِ، وَزِنَةَ عَرْشِهِ وَمِدَادَ كَلِمَاتِهِ. (ئۈچ قېتىم).تەرجىمىسى: آ«ئاللاھ پاكتۇر، ئۇ مەخلۇقاتلىرىنىڭ ھېسابىچە، ئەرشىنىڭ زىننىەتلىرىچە، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى يېزىشقا يېتەرلىك سىيالارغىچە ۋە ئۆزى مەمنۇن بولغىچە ھەمدۇ ساناغا لايىقتۇرآ»([24]).26. بِسْمِ اللهِ الَّذِي لاَ يَضُرُّ مَعَ اِسْمِهِ شَيْءٌ فِي اْلأَرْضِ وَلاَ فِي السَّمَاءِ وَهُوَ السَّمِيْعُ العَلِيْمُ. (ئۈچ قېتىم ئوقۇلىدۇ).تەرجىمىسى: آ«نامىنى ئاتىغان كىشىگە ئاسمان ۋە زېمىندە ھېچنەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇرآ»([25]).27 .اللَّهُمَّ إِنَّا نَعُوذُ بِكَ مِنْ أَنْ نُشْرِكَ بِكَ شَيْئاً نَعْلَمُهُ وَنَسْتَغْفِرُكَ لِمَا لاَ نَعْلَمُ. (ئۈچ قېتىم).تەرجىمىسى: آ«ئى ئاللاھ! ساڭا سېغىنىپ، بىلىپ تۇرۇپ ساڭا شېرىك كەلتۈرۈشتىن پاناھ تىلەيمىز ۋە بىلمەستىن سادىر قىلىپ سالغان گۇناھلىرىمغا مەغپىرەت سورايمىزآ»([26]).28. أَعُوذُ بِكَلِمَاتِ اللّهِ التَّامَّاتِ مِنْ شَرِّ مَا خَلَقَ. (ئاخشىمى ئۈچ قېتىم ئوقۇلىدۇ).تەرجىمىسى: آ«ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ كەلىمىلىرىگە سېغىنىپ مەخلۇقاتنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەنآ»([27]).29. اللَّهُمَّ إِنِّى أَعُوذُ بِكَ مِنَ الْهَمِّ وَالْحَزَنِ وَأَعُوذُ بِكَ مِنَ الْعَجْزِ وَالْكَسَلِ وَأَعُوذُ بِكَ مِنَ الْجُبْنِ وَالْبُخْلِ وَأَعُوذُ بِكَ مِنْ غَلَبَةِ الدَّيْنِ وَقَهْرِ الرِّجَالِ. (ئۈچ قېتىم ئوقۇيدۇ).تەرجىمىسى: آ«ئى ئاللاھ! ساڭا سېغىنىپ غەم ـ ئەندىشىدىن، ئىچى پۇشقىدىن پاناھ تىلەيمەن، ساڭا سېغىنىپ ئاجىزلىقتىن ۋە ھورۇنلۇقتىن پاناھ تىلەيمەن، ساڭا سېغىنىپ قورقۇنچاقلىقتىن ۋە بېخىللىقتىن پاناھ تىلەيمەن، ساڭا سېغىنىپ قەرزگە بوغۇلۇپ قېلىشتىن ۋە ئەرلەرنىڭ مېنى مەغلۇب قىلىشىدىن پاناھ تىلەيمەنآ»([28]).30. اَلَّلُهَّم عَافِنِي فِي بَدَنِي، اَللَّهُمَّ عَافِنِي فِي سَمْعِي، اَللَّهُمَّ عَافِنِي فِي بَصَرِي، لاَ إلۤهَ إلاَّ أَنْتَ، اَللَّهُمَّ إِنّيِ أَعُوْذُ بِكَ مِنَ الْكُفْرِ، وَالْفَقْرِ. اَللَّهُمَّ إِنِّي أَعُوْذُ بِكَ مِنْ عَذَابِ الْقَبْرِ، لاَ إلۤهَ إلاَّ أَنْتَ. (ئۈچ قېتىم ئوقۇلىدۇ).تەرجىمىسى: آ«ئى ئاللاھ! بەدىنىمنى ساق قىلغىن. ئى ئاللاھ! كۆزۈمنى ساق قىلغىن. ئى ئاللاھ! قۇلىقىمنى ساق قىلغىن. ھەقىقەتەن سەندىن باشقا ئىلاھىي مەبۇد يوقتۇر. ئى ئاللاھ! ساڭا سېغىنىپ كۇپۇرلۇقتىن ۋە پېقىرلىقتىن پاناھ تىلەيمەن، قەبر ئازابىدىن پاناھ تىلەيمەن. ھەقىقەتەن سەندىن باشقا ئىلاھىي مەبۇد يوقتۇرآ»([29]).31. اَللَّهُمَّ إِنّيِ أَعُوْذُ بِكَ مِنَ الْكُفْرِ، وَالْفَقْرِ. اَللَّهُمَّ إِنِّي أَعُوْذُ بِكَ مِنْ عَذَابِ الْقَبْرِ، لاَ إلۤهَ إلاَّ أَنْتَ. (ئۈچ قېتىم ئوقۇلىدۇ).تەرجىمىسى: آ«ئى ئاللاھ! ساڭا سېغىنىپ كۇپۇرلۇقتىن ۋە پېقىرلىقتىن پاناھ تىلەيمەن، قەبر ئازابىدىن پاناھ تىلەيمەن. ھەقىقەتەن سەندىن باشقا ئىلاھىي مەبۇد يوقتۇرآ»([30]).32 . اَللَّهُمَّ أَنْتَ رَبّيِ لاَ إِلَهَ إِلاَّ أَنْتَ، خَلَقْتَني وَأنَا عَبْدُكَ وَأنَا عَلَى عَهْدِكَ وَوَعْدِكَ مَا اسْتَطَعْتُ، أَعوُذُ بِكَ مِنْ شَرِّ مَاصَنَعْتُ، أبُوءُ لَكَ بِنِعْمَتِكَ عَلَيَّ، وَأبُوءُ بِذَنْبِي، فَاغْفِرْ لِي، فَإنَّهُ لاَيَغْفِرُ الذُّنُوْبَ إلاَّ أنْتَ.تەرجىمىسى: آ«ئى ئاللاھ! سەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمسەن، سەندىن باشقا مەبۇد يوق، سەن مېنى ياراتتىڭ، مەن سېنىڭ بەندەڭ، مەن ئەھدەڭنى ۋە ۋەدەڭنى كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىمەن. ساڭا سېغىنىپ ئىشلىرىمنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن. ماڭا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىڭنى تونۇيمەن ۋە گۇناھلىرىمنى ئېتىراپ قىلىمەن. ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن، ھەقىقەتەن گۇناھلارنى سەندىن بۆلەك مەغپىرەت قىلغۇچى يوقتۇرآ»([31]).33. اَسْتَغْفِرُاللهَ الْعَظِيْمَ الَّذِي لاَ اِلَهَ اِلاَّ هُوَالْحَيُّ الْقَيُّومُ وَاَتُوْبُ اِلَيْهِ. (ئۈچ قېتىم ئوقۇلىدۇ).تەرجىمىسى: آ«ئۇنىڭدىن بۆلەك ئىلاھىي مەبۇد بولمىغان، ھەمىشە تىرىك بولغۇچى ۋە ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى ئۇلۇغ ئاللاھتىن مەغپىرەت سورايمەن ۋە ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىمەنآ»([32]).34. اَللَّهُمَّ صَلِّ عَلىَ مُحَمَّدٍ وَعَلَى آلِ مُحَمَّدٍ، كَمَا صَلَّيْتَ عَلىَ إِبْرَاهِيْمَ وَعَلَى آلِ إِبْرَاهِيْمَ إنَّكَ حَمِيْدٌ مَجِيْدٌ. اَللَّهُمَّ بَارِكْ عَلَى مُحَمَّدٍ وَعَلَى آلِ مُحَمَّدٍ، كَمَا بَارَكْتَ عَلَى إِبْرَاهِيْمَ وَعَلَى آل إِبْراَهِيْمَ إنَّك َحَمِيْدٌ مجَيِْدٌ. (10قېتىم ئوقۇلىدۇ).تەرجىمىسى: آ«ئى ئاللاھ! ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا رەھمەت قىلغاندەك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا رەھمەت قىلغىن. سەن ھەقىقەتەن ماختاشقا لايىق ۋە ئۇلۇغ مەرتىبىلىك زاتسەن. ئى ئاللاھ! ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ نام ـ نىشانىسىنى مەڭگۈ قىلغاندەك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ نام ـ نىشانىسىنى مەڭگۈ قىلغىن. سەن ھەقىقەتەن ماختاشقا لايىق ۋە ئۇلۇغ مەرتىبىلىك زاتسەنآ»([33]).35. سُبْحَانَ اللَّهِ وَالْحَمْدُ لِلَّهِ وَلاَ إِلَهَ إِلاَّ اللَّهُ وَاللَّهُ أَكْبَرُ. (يۈز قېتىم ئوقۇيدۇ)تەرجىمىسى: آ«ئاللاھ پاكتۇر، ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھتىن باشقا ئىلاھىي مەبۇد يوقتۇر، ئاللاھ ھەممىدىن بۈيۈكتۇرآ»([34]).36. لاَ إِلٰهَ إِلاَّ اللّهُ وَحْدَهُ لاَ شَرِيْكَ لَهُ. لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيْرٌ. (ئون قېتىم ئوقۇلىدۇ).تەرجىمىسى: آ«ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوق، ئاللاھ يالغۇزدۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، پادىشاھلىق ۋە ھەمدۇ سانا ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ھەممە نەرسىگە كۈچى يەتكۈچىدۇرآ»([35]).37. سُبْحَانَكَ اللَّهُمَّ وَبِحَمْدِكَ لاَ إِلَهَ إِلاَّ أَنْتَ أَسْتَغْفِرُكَ وَأَتُوبُ إِلَيْكَ. (ئۈچ قېتىم).تەرجىمىسى: آ«ئى ئاللاھ! سەن پاكتۇرسەن، ھەمدۇ سانا ساڭا خاستۇر، سەندىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقتۇر، ئى ئالاھ! سەندىن مەغپىرەت تىلەيمەن ۋە گۇناھلىرىمغا تەۋبە قىلىمەنآ»([36]).38. اَللَّهُمَّ صَلِّ عَلىَ سَيِّدِناَ مُحَمَّدٍ عَبْدِكَ وَ نَبِيِّكَ وَرَسُولِكَ النَّبِيَّ اْلاُمِّيَ وَ عَلىَ آلِهِ وَصَحْبِهِ وَسَلِّمْ تَسْلِيْماً عَدَدَ ماَ اَحاَطَ بِهِ عِلْمُكَ وَخَطَّ بِهِ قّلّمُكَ وَاَحْصاَهُ كِتاَبُكَ، واَرْضَ اَللَّهُمَّ عَنْ ساَدَاتِنَا اَبِي بَكْرٍ وَعُمَرَ وَ عُثْماَنَ وَعَلِيٍّ وَعَنْ الصَّحاَبَةِ اَجْمَعِيْنَ وَعَنْ التَّابِعِيْنَ وَتَابِعِيْهِمْ بِاِحْسَانٍ اِلَى يَوْمِ الدِّيْنِ. سُبْحَانَ رَبِّكَ رَبِّ الْعِزَّةِ عَمَّا يَصِفُونَ وَسّلاَمٌ عَلَى الْمُرْسَلِيْنَ وَالْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِيْنَ.تەرجىمىسى: آ« ئى ئاللاھ! بىزنىڭ سۈيۈملۈك يولباشچىمىز، سېنىڭ ئىلاھىي مەكتىبىڭدىن باشقا مەكتەب كۈرمىگەن ئەزىز بەندەڭ ۋە بەرھەق پەيغەمبىرىڭ ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭ ساھابەلىرىگە سېنىڭ ئىلمىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان، قەلىمىڭ يازغان ۋە لەۋھۇلمەھپۇزدا خاتىرىلەنگەن جىمى شەيئىلەرنىڭ سانىچىلىك رەھمەت يوللىغىن، شەنىنى ئۇلۇغ قىلغىن ۋە نام – نىشانىسىنى مەڭگۈلۈك قىلغىن. ئى ئاللاھ! بىزنىڭ ھىدايەت يۇلتۇزلىرىمىز بولغان ئەبۇبەكرى، ئۆمەر، ئوسمان، ئەلى ۋەجىمى ساھابىلاردىن، ساھابىلار بىلەن ئۇچراشقان ئىككىنچى ئەۋلاد كىشىلىرىدىن، ھىدايەت ۋە ياخشى ئىشلاردا تاقىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن مۆمىن، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزدىن رازى بولغىن. قۇدرەت ئېگىسى بولغان پەرۋەردىگارىم كۇففارلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاكتۇر. پەيغەمبەرلەرگە سالام بولسۇن! جىمى ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر!آ»([37]). كىچىك ۋەزىپەۋاقىت تارلىق قىلغان ياكى ھورۇنلۇق باسقان چاغلاردا، يۇقىرىقىلارنى تولۇق ئوقۇيالمىسا، ئەئۇزۇ بىللاھ، فاتىھە، ئايەتۇلكۇرسى، ئامەنەررەسۇلۇ، ئىخلاس، فەلەق ۋە ناس قاتارلىق سۈرىلەرنى ئۈچ قېتىمدىن ئوقۇپ، ئاندىن كېيىن قالغان زىكىرلەرنى ئاخىرقى ئىستىغفار اَسْتَغْفِرُاللهَ الْعَظِيْمَ الَّذِي لاَ اِلَهَ اِلاَّ هُوَالْحَيُّ الْقَيُّومُ وَاَتُوْبُ اِلَيْهِْ غىچە ئوقۇپ بولۇپ، ئىستىغفارنى سُبْحَانَكَ اللَّهُمَّ وَبِحَمْدِكَ لاَ إِلَهَ إِلاَّ أَنْتَ أَسْتَغْفِرُكَ وَأَتُوبُ إِلَيْكَ بىلەن تۈگىتىپ ۋەزىپىنى ئاخىرلاشتۇرسىمۇ بولىدۇ.ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى كۈندىلىك ۋەزىپىنى ناماز بامداتتىن كېيىن ۋە ناماز شامدىن ئىلگىرى بىر قېتىمدىن ئوقۇشنىڭ خاسىيىتى ۋە ساۋابى ناھايىتى چوڭدۇر. مۇسۇلمان كىشىنىڭ بىر كۈنلۈك مەنىۋى ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىن سالامەت بولۇشى ئۈچۈن بۇ دۇئالار يېتەرلىكتۇر. جانابى ئاللاھ بۇ كۈنلۈك ۋەزىپىنى ئەتىگەن – ئاخشاملىرى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرغۇچى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ خېيىمخەتەرلىرىدىن مەڭگۈ ئامان قىلغاي... ئامىين.([1]) بەقەرە سۈرىسى 1 ـ 5 ـ ئايەتلەر.([2]) بەقەرە سۈرىسى 255 ـ 257 ـ ئايەتلەر.([3]) بەقەرە سۈرىسى 284 ـ 286 ـ ئايەتلەر.([4]) ئال ئىمران سۈرىسى 1 ـ 2 ـ ئايەتلەر.([5]) تاھا سۈرىسى 111 ـ 112 ـ ئايەتلەر.([6]) تەۋبە سۈرىسى 129 ـ ئايەت.([7]) ئىسرا سۈرىسى 110 ـ 111 ـ ئايەتلەر.([8]) نۇر سۈرىسى 115 ـ 118 ـ ئايەتلەر.([9]) رۇم سۈرىسى 17 ـ 26 ـ ئايەتلەر.([10]) غافىر سۈرىسى 1 ـ 3 ـ ئايەتلەر.([11]) ھەشىر سۈرىسى 22 ـ 24 ـ ئايەتلەر.([12]) زەلزەلە سۈرىسى.([13]) كافىرۇن سۈرىسى.([14]) نەسر سۈرىسى.([15]) ئىخلاس سۈرىسى.([16]) فەلەق سۈرىسى.([17]) ناس سۈرىسى.([18]) مۇسلىم رىۋايىتى.([19]) مۇسلىم رىۋايىتى.([20]) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇنداق دەيدىغانلىقىنى نەسائى رىىۋايەت قىلغان.([21]) ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى.([22]) ئىبنى ماجە رىۋايىتى.([23]) ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.([24]) مۇسلىم رىۋايىتى.([25]) ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.([26]) ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.([27]) ئەھمەد رىۋايىتى.([28]) ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى.([29]) ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى.([30]) ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى.([31]) بۇخارى رىۋايىتى.([32]) بۇخارى رىۋايىتى.([33]) بۇخارى رىۋايىتى.([34]) مۇسلىم رىۋايىتى.([35]) ئەھمەد رىۋايىتى.([36]) ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى.([37]) تىرمىزى رىۋايىتى.

