تخطَّ إلى المحتوى
انتقل إلى المحتوى

بۇ ئارخىپ ھەقسىز، ئوقۇرمەنلەرنىڭ قوللىشى بىلەن ئىشلەيدۇ.

ئىئانە

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى بىلەن بىشارەت بەرگەن ئىنجىل نۇسخىسىنىڭ تېپىلغانلىقى

ئۇيغۇرچە2 مىنۇتلۇق ئوقۇش

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى بىلەن بىشارەت بەرگەن ئىنجىل نۇسخىسىنىڭ تېپىلغانلىقى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار! پەيغەمبىرىمز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنىڭ يەنە قايتا ئىسپاتلىنىشغا بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ھاجىتىمىز يوق. چۈنكى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكى قۇرئان – ھەدىس ئارقىلىق ئىسپاتلانغاندىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئىلمىي پاكىت، ئىلمىي ھەقىقەت ۋە مۆجىزىلەر بىلەن ئاللىبۇرۇن ئىسپاتلىنىپ بولغانلىقتىن بىز ئۇ زاتنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە تۇلۇق قانائەت قىلىپ مۇسۇلمان بولغان. لېكىن ئىسلام دۇشمەنلىرى ھەسەت قىلىپ، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەنىگە داغ تەگكۈزىدىغان بەزى سۆز – ھەرىكەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ تۇرىۋاتقان بىر شارائىتتا، ئۇ زاتنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدىغان ئىلمىي ھەقىقەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئەلۋەتتە مۇسۇلمانلارنى سۆيۈندۈرىدىغان بىر ئىشتۇر. مۇسۇلمانلار ئىچكى – تاشقى ئامىللار سەۋەپلىك قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شېرىپلەردىكى ئىلمىي ئىشارەتلەر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشتىن غاپىل بولىۋاتقان بىر زاماندا باشقىلار بۇ ساھەدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، قۇرئان ۋە ھەدىستىكى ئىلمىي ھەقىقەت، ئىلمىي مۆجىزىلەرنى كەشپ قىلىپ مۇسۇلمانلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى. بىز دىنىمىزنى مۇداپىئە قىلىمىز دەيدىكەنمىز ھېچ بولمىغاندا ئىلىم – پەن نۇرى بىلەن كەشپ قىلىنغان ئىلمى ھەقىقەتلەرنى خەلققە يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ۋەھىي كەلگەن ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ئىلمى ئۇسۇلدا قايىل قىلىشىمىز لازىم. يېقىندا تەشۋىقات ۋاستىلىرى تۈركىيىدە ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكى بىلەن بىشارەت بەرگەن بەرنابا ئىنجىل قول يازما نۇسخىسىنىڭ تېپىلغانلىقىنى بەس – بەس بىلەن خەۋەر قىلغان بولۇپ، مەن yahoo تورىنىڭ باش بېتىدە بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ، ئۇيغۇر دوستلار بىلەن ئورتاقلىشىش نىيىتىدە، ئۇنى ئەينەن تەرجىمە قىلىپ سۇندۇم: تۈركىيىدە يېقىندا ئارامىيە يېزىقىدا يېزىلغان، 1500 يىللىق تارىخقا ئىگە بەرنابا ئىنجىل قول يازما نۇسخىسى تېپىلغان بولۇپ، بۇ نۇسخىدا ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىدىن كېيىن مۇھەممەد ئىسىملىك بىر پەيغەمبەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان. تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى بۇ قوليازما نۇسخىسىغا 22 مىليون دوللار باھا توختىتىلغانلىقىنى، بۇ نۇسخىدا ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىدىن كېيىن مۇھەممەد ئىسىملىك بىر پەيغەمبەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۈملىلەرنىڭ بارلىقىنى، بۇ نۇسخىدىكى خەۋەرلەرنىڭ قۇرئان كەرىمدە كەلگەن خەۋەرلەرگە ئوخشىشىپ كەتكەنلىكتىن خرىستىئان جەمئىيەتلىرىنىڭ بۇنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ نۇسخىدىكى مەزمۇنلار ئىسلام ئەقىدىسىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. چۈنكى بۇ نۇسخىدا، ئىسا ئەلەيھىسسالام ئىبادەت قىلىنىدىغان ئىلاھ ئەمەس بەلكى ئۇ ئىنسان، دەپ سۈپەتلەنگەن. ئىسلام مۇقەددەس ئۈچ ئىلاھلىق ئەقىدىسىنى، شۇنىڭدەك ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دارغا ئېسىلىش ۋەقەلىكنى رەت قىلىدۇ. بۇ نۇسخىسىدا مۇنداق كەلگەن: ئىسا ئەلەيھىسسالام ئۆزىدىن كېيىن كېلىدىغان پەيغەمبەر توغرىلىق سورىغان كاھىنغا: ئۇنىڭ مۇبارەك ئىسمى مۇھەممەد، ئۇ ئەرەبلەرنىڭ ئاتىسى ئىسمائىلنىڭ نەسلىدىن كېلىدۇ، دەپ جاۋاپ بەرگەن. تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى تۈركىيە دائىرلىرىنىڭ بۇ نۇسخىنى ئاسار ئەتىقە ئەتكەسچىلىرىنىڭ ئۆيلىرىنى ئاختۇرۇش جەريانىدا قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى، ئۇلار بۇ نۇسخىنى ئوغرىلىۋالغانلىقى بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكتىن يېقىندا ئۇلار ئۈستىدىن سوت ئېچىلىدىغانلىقىنى ۋە فاتىكاننىڭ بۇ نۇسخىنى كۈرۈشكە ناھايىتى ئالدىراپ كېتىۋاتقانلىقى بىلدۈردى. قۇرئان كەرىم سەف سۈرىسىنىڭ ئالتىنچى ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ: {ئۆز ۋاقتىدا مەريەمنىڭ ئوغلى ئىسا: آ«ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاللاھ ئەۋەتكەن، مەندىن بۇرۇن كەلگەن تەۋراتنى تەستىق قىلغۇچى، مەندىن كېيىن كېلىدىغان ئەھمەد (مۇھەممەد) ئىسىملىك پەيغەمبەر بىلەن خۇش خەۋەر بەرگۈچى پەيغەمبەرمەنآ» دېدى. ئىسا ئۇلارغا روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن چاغدا، ئۇلار: آ«بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇرآ» دېدى}. مىسسىئونېر ئېھسان ئۆزبېك تۈركىيە زامان گېزىتىگە بايانات بېرىپ: ئىنجىلنىڭ بۇ نۇسخىسى مىسسىئونېر بەرنابانىڭ ئەگەشكۇچىلىرىنىڭ بىرىگە ئائىتتۇر. چۈنكى بۇ بەشىنچى ياكى ئالتىنچى ئەسىردە يېزىلغان. ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ بىرى بولغان مىسسىئونېر بەرنابا بولسا مىلادىيىنىڭ بىرىنچى ئەسىرىدە ياشىغان، دېگەن. لاھۇت ئىلمىنىڭ ئۇستازى ئۆمەر فارۇق ھەرمان: ئىلمىي تەكشۈرۈش بىزگە بۇ نۇسخىنىڭ ھەقىقى ئۆمرىنى، ئۇنىڭ مىسسىئونېر بەرنابا تەرىپىدىن ياكى شاگىرتلىرى تەرىپىدىن يېزىلغانلىقىنى يېقىندا ئېچىپ بېرىدۇ، دېگەن. ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى تەرجىمىسى

ئەسلىدە ئېلان قىلىنغان mercyprophet.org

داۋاملىق ئوقۇڭ

  1. سەفا ۋە مەرۋىنىڭ ئارىسىنى سەئى قىلىپ مېڭىش ھەجنىڭ بىر روكنىدۇر

    سەفا ۋە مەرۋىنىڭ ئارىسىنى سەئى قىلىپ مېڭىش ھەجنىڭ بىر روكنىدۇر. لىكىن قۇرئاننىڭ ئايىتىدىكى )ھېچ باك يوق( دېگەن سۆزدىن بەزى ساھابىلەر بۇ سەئى قىلىش زۆرۈر ئەمەس بولسا كېرەك دېگەن گۇمان پەيدا بولغان ئىدى.

  2. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغاندا يۈز بەرگەن پەۋقۇلئاددە ۋەقەلەر ھەققىدىكى رىۋايەتلەرگە نەزەر

    ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى 1. پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسى ۋە ۋەھيدىن باشقا ئىشلاردا بىزگە ئوخشاشلا نورمال ئىنسان. 2…

  3. پەيغەمبىرىمىزنىڭ تۇنجى خۇتبىسى

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىرقچىلىققا قارشى ئەڭ گۈزەل سۆزلىرى بولغان مەشھۇر ۋىدا خۇتبىسىدىن خەۋىرى يوقلار بولمىسا كېرەك. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇنجى خۇتبىسىدە نېمىلەرنى ئېيتقانلىقىنى بىلىدىغانلار بارمۇ؟ بىر…

  4. ھەق پەيغەمبەرلىككە شاھىتلار

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە شاھىت بولىدىغان ئىلمىي ھەقىقەتلەر - جىمى ھەمدۇ سانالەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، قۇرئان كەرىمنى ئۆزىگە ئەخلاق قىلغان كىشىگە دۇرۇت ۋە سالاملار…

  5. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياشلارغا قانداق مۇئامىلە قىلاتتى؟ (2)

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك دوستلار! بۇ تىمىنىڭ بىرىنجى بۆلۈمىنى دىققىتىڭلارغا سۇنغان ۋە سىز ئىلىم سۆيەر قېرىنداشلىرىمنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. بۈگۈن سىلەرگە ئىككىنچى بۆلۈمىنى سۇنىمەن.1-ياشلارنى قەدىرلەش: قەدىرلەشنىڭ…

تۈرنى قوللاش ئۈچۈن بىزگە يېزىڭ