تخطَّ إلى المحتوى
انتقل إلى المحتوى

بۇ ئارخىپ ھەقسىز، ئوقۇرمەنلەرنىڭ قوللىشى بىلەن ئىشلەيدۇ.

ئىئانە

پەيغەمبەرلەرگە ئىشىنىشنىڭ لازىملىقى

ئۇيغۇرچە2 مىنۇتلۇق ئوقۇش

پەيغەمبەرلەرگە ئىشىنىشنىڭ لازىملىقى

قۇرئان ئىنسانلارنى پۈتۈن پەيغەمبەرلەرگە ئىشىنىشكە چاقىرىدۇ. بۇ ھەقتە اﷲ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئېيتىڭلاركى، «اﷲ غا ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبغا ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە، مۇساغا بېرىلگەن (تەۋراتقا)، ئىساغا بېرىلگەن (ئىنجىلغا) ۋە پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەن (كىتابلارغا) ئىمان ئېيتتۇق، ئۇلاردىن ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ بەزىسىنى ئىنكار قىلمايمىز)، بىز اﷲ غا بويسۇنغۇچىلارمىز» ( [1]).

پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىگە ئىشىنىپ بەزىسىگە ئىشەنمىگەن كىشىلەرنىڭ ئىمانىنى اﷲ تائالا قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى قۇرئان ئوچۇق كۆرسىتىپ مۇنداق دەيدۇكى:

«شۈبھىسىزكى، اﷲ نى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلار، اﷲ بىلەن ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئارىسىنى (اﷲ غا ئىشىنىپ پەيغەمبەرلىرىگە ئىشەنمەيمىز، دېيىش بىلەن) ئاجرىتىۋەتمەكچى بولغانلار، (پەيغەمبەرلەرنىڭ) بەزىسىگە ئىشىنىمىز، بەزىسىگە ئىشەنمەيمىز دېگۈچىلەر ـ ئۇنىڭ (يەنى ئىمان بىلەن كۇفرىنىڭ) ئارىسىدا (ئوتتۇرا) يول تۇتماقچى بولغانلار. ئەنە شۇلار (ئىماننى دەۋا قىلغان تەقدىردىمۇ) راستىنلا كاپىرلاردۇر، كاپىرلارغا خورلىغۇچى ئازاب تەييارلىدۇق»([2] ).

مۇشۇ ئايەتلەرنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ئىسلام دىنى پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ بىرلىك، قېرىنداشلىق، ئۆز ئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا بىر ئاساسىي ئۇلنى كۆرسىتىپ بەردى. چۈنكى، قاچانكى خەلقلەر ھەممە پەيغەمبەرگە ئىشەنسە بەزى بىر پىكرى ئوخشاشماسلىق يوقىلىپ بىر ـ بىرىنى ئۆزئارا چۈشىنىش ئاسان بولىدۇ.

بۇ ئۈستۈنلۈك ئىسلامغا خاستۇر. ئىسلام ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىگە ھەممە پەيغەمبەرگە ئىشىنىشنى ۋە ئۇلارغا ھۆرمەت قىلىشنى ۋاجىب قىلىشى بىلەن باشقا دىنلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى مۇمكىن قىلدى ۋەئاسانلاشتۇردى.

چوقۇمكى ھەممە دىننىڭ ئادەملىرى قۇرئاننىڭ ھەممە پەيغەمبەرلەرنى ھۆرمەتلىگەنلىكىنى بىلىدۇ. ئەكسىچە باشقا دىنلارنىڭ ئادەملىرى ئۆز دىنىدا ئۆز پەيغەمبىرىنى ۋە ئۆز دىنىنى ھاقارەتلەيدىغان سۆزلەرنى ئۇچىرىتىدۇ.

يېقىن ئۆتمۈشتە كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئىسلامنى، خرىستىئان دىنىنى ۋە يەھۇدىي دىنىنى بىرلەشتۈرۈشنى ئويلىشىپ ھەرىكەت قىلىپ باققان بولسىمۇ نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، بۇلار ھەرقايسى دىنلارنىڭ كىتابلىرىدىكى شۇ دىنلەرنىڭ ئاساسى دەپ تونۇلغان ئىبارىلەرنى، ئۆز پىكرىچە بىرلىككە توسالغۇ بولغان تەرەپلەرنى يوقىتىدۇ، دەپ ئويلىغان مەنىلەر بىلەن تەپسىر قىلىشتى. نەتىجىدە دىنلارنى بىرلەشتۈرۈش ئورنىغا باشقا بىر دىن پەيدا قىلدى. بۇ دىن، بىرلەشتۈرمەكچى بولغان دىنلارغا پۈتۈنلەي دۈشمەن بىر دىن بولۇپ چىقتى.

ئەقىللىك تەنقىتچى كۆرەلەيدۇكى، ئىسلامنىڭ ھەممە دىنلارنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلچىلىكى ئەتراپىدا بىرلەشتۈرۈش يولى ھەممىدىن ئەۋزەل يولدۇر. چۈنكى، ئىسلام پۈتۈن پەيغەمبەرلەر دىنلىرىنىڭ اﷲ تائالادىن چۈشكەن ۋەھيى ئىكەنلىكىنى بېكىتكەندىن كېيىن ئۇزۇن زامانلار ئۆتۈشى، خەلقلەرنىڭ شۇ دىنلارنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىدىن چەتنەپ كېتىشىكە ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئاندىن كېيىن ئىسلام خەلقلەرنى اﷲ تائالادىن چۈشكەن بۇرۇنقى كىتابلارنىڭ ھەممە ئۇتۇقلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن ۋە ئۇنىڭدىن باشقا مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتلىرى ۋە ئىھتىياجلىرى تەلەپ قىلغان ئىلىم پەزىلەتلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن قۇرئانغا ئەمەل قىلىشقا چاقىرغىلى باشلىدى.

مەنبە: ئەفىف ئابدۇلپەتتاھنىڭ ئىسلام دىننىڭ روھى ناملىق كىتاۋىدىن ئېلىندى.

[1] سۈرە بەقەرە 136-ئايەت.

[2] سۈرە نىسا 150-151 ئايەت.

ئەسلىدە ئېلان قىلىنغان mercyprophet.org

داۋاملىق ئوقۇڭ

  1. سەفا ۋە مەرۋىنىڭ ئارىسىنى سەئى قىلىپ مېڭىش ھەجنىڭ بىر روكنىدۇر

    سەفا ۋە مەرۋىنىڭ ئارىسىنى سەئى قىلىپ مېڭىش ھەجنىڭ بىر روكنىدۇر. لىكىن قۇرئاننىڭ ئايىتىدىكى )ھېچ باك يوق( دېگەن سۆزدىن بەزى ساھابىلەر بۇ سەئى قىلىش زۆرۈر ئەمەس بولسا كېرەك دېگەن گۇمان پەيدا بولغان ئىدى.

  2. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغاندا يۈز بەرگەن پەۋقۇلئاددە ۋەقەلەر ھەققىدىكى رىۋايەتلەرگە نەزەر

    ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى 1. پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسى ۋە ۋەھيدىن باشقا ئىشلاردا بىزگە ئوخشاشلا نورمال ئىنسان. 2…

  3. پەيغەمبىرىمىزنىڭ تۇنجى خۇتبىسى

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىرقچىلىققا قارشى ئەڭ گۈزەل سۆزلىرى بولغان مەشھۇر ۋىدا خۇتبىسىدىن خەۋىرى يوقلار بولمىسا كېرەك. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇنجى خۇتبىسىدە نېمىلەرنى ئېيتقانلىقىنى بىلىدىغانلار بارمۇ؟ بىر…

  4. ھەق پەيغەمبەرلىككە شاھىتلار

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە شاھىت بولىدىغان ئىلمىي ھەقىقەتلەر - جىمى ھەمدۇ سانالەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، قۇرئان كەرىمنى ئۆزىگە ئەخلاق قىلغان كىشىگە دۇرۇت ۋە سالاملار…

  5. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياشلارغا قانداق مۇئامىلە قىلاتتى؟ (2)

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك دوستلار! بۇ تىمىنىڭ بىرىنجى بۆلۈمىنى دىققىتىڭلارغا سۇنغان ۋە سىز ئىلىم سۆيەر قېرىنداشلىرىمنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. بۈگۈن سىلەرگە ئىككىنچى بۆلۈمىنى سۇنىمەن.1-ياشلارنى قەدىرلەش: قەدىرلەشنىڭ…

تۈرنى قوللاش ئۈچۈن بىزگە يېزىڭ